مەن ( XXX) ماركىلىق بورەك قۇۋۋەتلەش ،دورىسىدىن يىگەن ، دەسلەپتە شۇ دورىنىنڭ تەشۋىق ۋارىقىنى كورگەن ۋاقتىمدا ، ئۇنۇڭغا يېزىلغان --بورەك قۇۋۋەتلەيدۇ ، ئەرلەنىڭ جىنسى ئەزاسىنى چوڭايتىدۇ ۋاھاكازا دىگەنلەرگە ئىشىنىپ ئۇ دورىنى يىگەن ، دەسلەپتە ئۇ دورا ناھاي

مەن ( ............ ) ماركىلىق بورەك قۇۋۋەتلەش ،دورىسىدىن يىگەن ، دەسلەپتە شۇ دورىنىنڭ تەشۋىق ۋارىقىنى كورگەن ۋاقتىمدا ، ئۇنۇڭغا يېزىلغان --بورەك قۇۋۋەتلەيدۇ ، ئەرلەنىڭ جىنسى ئەزاسىنى چوڭايتىدۇ ..ۋاھاكازا.. دىگەنلەرگە ئىشىنىپ ئۇ دورىنى يىگەن ، دەسلەپتە ئۇ دورا ناھايىتى ئۇنۇمىنى كورسەتتى ، شۇنۇڭ بىلەن ئۇ دورىنى ئون كۇن ئىستىمال قىلدىم ، ھازىر ئۇ دورىنى يىگىلى ئككى ئايچە بولدى ، لىكىن ھازىر مەندە تۇيۇقسىزلا جىنسى ئاجىزلىق ، زەكىرىم بەك قاتمايدىغان بۇلۇپ قالدى ، 
 
 
بۇ شۇ دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىمىدۇ ، ئەگەر شۇنداق بولسا بۇ ئەۋالغا پايدا قىلغۇدەك ئۇيغۇر تېبابەت دورىللىرىمىز بارمىدۇ ؟ 
 
 

 
جاۋاب: 
 
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام 
 
بازارلاردا سېتىلىۋاتقان <<بىر قېتىم يېسىلا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ئەرلىكنى چوڭايتىدۇ ، ھېچقانداق ئەكىس تەسىرى يوق >> دەپ تەشۋىق قىلىنىدىغان ساغلاملىق بويۇملىرى نامىدىكى دورىلاردا كۈچلۈك ھورمۇن تەركىبى ھەم شۇنىڭدەك بەزى بىر تېز تەسىر كۆرسىتىدىغان خېمىيلىك ماددىلار بولغاچقا بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كىيىن بۆرەك، يۈرەك، جىگەر قاتارلىق رەئىس ئەزالارنىڭ نۇرمال خىزمەت پائالىيتىنى قالايمىقان قىلىپ ھەر خىل زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن. شۇڭا ئۇيغۇر تېبابەت ھۆكۈمالىرى بۇ خىلدىكى شەھۋەت قوزغىغۇچى دورىلارنى ئىستىمال قىلىشتىن كىشىلەرنى توسقان. 
 
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دورىلارنى يېگەندىن كىيىن قىسقا ۋاقىتتا كۆپ قېتىم جىنسىي قوزغىلىش بولۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانى كۆپ بولۇپ كېتىش سەۋەبلىكمۇ زەكەر قايىم بولماسلىق ئەھۋالى كىلىپ چىقىشى مومكىن. 
 
بۇنىڭغا قارىتا بەدەننىڭ قايسى خىلىتقا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئايرىغاندىن كىيىن شۇنىڭغا قارىتا ئاۋۋال بەدەننى تازىلاش ئۇندىن كىيىن مۇناسىپ ھالدا مەنى كۆپەيتىپ جىنسىي قۇۋۋەتنى ياخشىلايدىغان ئۇيغۇر تېبابەت قۇۋۋەت دورىلىرىدىن ئىستىمال قىلىپ بىرىلىدۇ. 
 
 
تامام 
________________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات) 
مەنبە: 80 خالتا بلوگى
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا جىمانىڭ ئاز-كۆپ بولىشى تېرە گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەر-خوتۇن جىمادا كىلىشەلمەي قالغاندا مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .