ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،سىزدىن بىر سوئال سوراي دىگەن ئىدىم مەن كۆز قورۇقىنى يوقۇتىش دىگەن كىتاپتىن كۆپ جىما قىل

 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،سىزدىن بىر سوئال سوراي دىگەن ئىدىم.مەن كۆز قورۇقىنى يوقۇتىش دىگەن كىتاپتىن كۆپ جىما قىلسا كۆز ئەتراپىغا قورۇق چۈشۈدۇ دەپ ئوقۇغان ئىدىم .ئەگەردە مۇناسىۋەت قىلغاندا ئاياللاردىنمۇ سۈيۈقلۇق كىلىپ قالسا ئۇ سالامەتلىككە ،تىرىگە زىيانلىقمۇ؟

بۇنداق ئەھۋال تەكرارلىنىۋەرسە قانداق ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ؟!

خاپا بولماي جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز.مامۇرەنجى دىگەن دورىنى داۋاملىق ئىشلەتسە زىيانلىقمىدۇ؟ئۇنى قاينىتىپ ئىشلەتسە ياخشىمۇ ياكى داكىغا سىلىپ يەرلىك ئورۇنغا سالسا ياخشىمۇ؟خانىملار قورۇش تالقىنى دەپسىز،ئۇنى قانداق سىتىۋالىمىز ؟ 

 
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام 
 
تەن قۇۋۋىتى كۆتۈرگىدەك، مۇۋاپىق بولغان، كۆڭۈل ئازادىلىكى ئىچىدە ئىلىپ بىرىلغان جىمانىڭ كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ چىرايىنى سۈزۈپ تېرىنى ئاسىراشقا پايدىسى بار. زورمۇ -زور كۆپ قىلىنغان جىما چىرايىنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ، تېرىنى تېز قېرىتىپ كۆز ئەتراپىغا بالدۇرلا قورۇق چۈشۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. 
 
جىمانىڭ مۇۋاپىق بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى قانداق بىلىش كېرەك؟ جىمادىن كىيىن ئەر ئۆزىدە ھېچقانداق ھارغىنلىق سەزمەي، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى ھوزۇرلانغانلىقىنى ھېس قىلسا ، جىمانى پات-پات ئىلىپ بارسا بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ. ئەكسىچە، مۇناسىۋەتتىن كېيىن ئەر-ئايال ھەر ئىككىلىسىدە ھارغىنلىق، يېقىمسىزلىق ،روھى تۆۋەنلىشىش، بېشى ئېغىرلىشىش ھەتتا ئەتىسى خىزمەت ، ئۈگۈنۈشكە تەسىرى يېتىش قاتارلىقلار كۆرۈلسە جىمانىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى، قۇۋۋەتنىڭ كاملىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنداق بولغاندا جىنسىي مۇناسىۋەتنى تىزگىنلەش لازىم. ئۇزۇن مۇددەت بويتاق يۈرۈپ جىما قىلماسلىق ياكى ئانانزىم قىلىش، سۈئىي ئەسۋاپ ئىشلىتىش دېگەندەك ئۇسۇل-چارىلەر بىلەن جىنسىي شەھۋەتنى بېسىش قاتارلىقلارمۇ نېرىپلارنى تېز قىرىتىپ چىراينى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ. پۇت-قولىنى ماغدۇرسىز قىلىدۇ. 

 
جىما جەريانىدا ئاياللاردىن ئاز مىقداردا سۇيۇقلۇق كىلىشى نۇرمال ئەھۋال. سۇيۇقلۇق كۆپ بولۇش جىمانىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شەھۋەت ھوزۇرى كام بولىدۇ. بۇنىڭغا ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ بوشاشقان ئورۇننى قورۇيدىغان، چىڭىتىدىغان دورىلاردىن ئىشلەتسە بولىدۇ. (خانىملار قورۇش تالقىنى ماس كىلىدۇ) ئىچكى جەھەتتىن سوغۇقلۇق، ئاچچىق-چۈچۈك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇپ ماددىتىل ھايات ، ھەببى ئازاراقى دېگەندەك ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى يەپ بەرسە ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ. 

 
مامرانچىنىنىڭ رولى ئاساسلىقى:مىكروپسىزلاندۇرۇش، تازىلاش، ياللۇق قايتۇرۇش، شەۋەرەشنى تۈگۈتۈش رولى بار. ئۇنى قاينىتىپ ئىشلەتكەن ياخشى. (دۇكىنىمىزدا تەييارلىنىدىغان <ئىسسىق بەدەن قايناتمىسى> غىمۇ مامرانچىنى مۇۋاپىق مىقداردا چۈشىدۇ). خانىملار قورۇش تالقىنى ئالاھىدە تەييارلانغان ساغلاملىق تالقىنى بولۇپ ئۇنىڭ ئاياللاردىكى جىنسىي ھېسيات ئاجىز بولۇش، جىنسىي يول كېڭىرىپ كېتىش، ھۆللۈك كۆپ بولۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ھوزۇر ھېس قىلالماسلىق قاتارلىقلاردا ئىشلەتكەندىن سىرت ھەر خىل جىنسىي يول ياللۇقى، يىنىك دەرىجىدىكى يارا ، يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارغىمۇ ئۈنۈمى ياخشى. 

 
مەنبە: 80 خالتا بلوگى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەر-ئاياللار جىنسىي تۇرمۇشتا پەردىشەپ ساقلىمىقى زۆرۈردۇر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ساغلاملىق بويۇملىرى نامىدىكى <> دورىلىرى زىيانلىقمۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .