ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدا سۆز ، ھەركەت - قىلىق ۋە پائالىيەت دائىرىسى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار پەرھىزلىك چەكلىمىلەرنىڭ تۇرغۇزۇلىشى ئەر -ئايال ئىككى جىنسىنىڭ بىر - بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش بولۇپلا قالماستىن ، مۇھىمى ئەرلەر بىلەن ئاياللا

 
ناۋادا ئەرلەرنىڭ بارلىق ئەرلىك بەلگىلىرى ئېنىق بولسا ، ئاياللارنىڭمۇ بارلىق ئاياللىق ئىپادىلىرى ئېنىق بولسا بۇ خىل ھالەت مەدەنىيەت مۇھىتى ئىچىدە ئالقىشلاشقا تىگىشلىك ئىش سانالغاندىن باشقا يەنە ئەمەلىيەتتە ئاشۇنداق بەلگە ئالامەتلەرنىڭ ئوچۇق بولۇشى ، ئېنىق بولۇشى دەل ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە ئائىت پەرھىزلەر نىشانىدىن ئىبارەت . نىمە ئۈچۈن ئەر - ئاياللارنىڭ پەرقى شۇنچە كۆپ تەكىتلىنىدۇ ؟ بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى دەل ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي ۋەسۋەسە ۋە ئېزىقتۇرۇشنى توسۇش ۋە چەكلەشتىن ئىبارەت . 

 
بەدەننى يالىڭاچ قويۇشنى چەكلەش پەرھىزلىرى تامامەن دىگۈدەك جىنسىي ئېزىقىش - ئېزىقتۇرۇشنى توسۇش مەقسىتىدە بارلىققا كەلگەن . 

 
ئۇنىڭدىن باشقا يۈرۈش - تۇرۇش ، سۆز - ھەرىكەت ، سەۋەبىدىن يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىقى بولغان جىنسىي ئېزىقىشنى توسۇش مەقسىتىدە بارلىققا كەلگەن پەرھىزلەرمۇ بار .


مىسال ئالساق ، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن نۇرغۇن پائالىيەتلەردە ئەر - ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنى چەكلىگەن . مەشرەپ قاتارلىق كئكڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئەر - ئاياللارنىڭ ئارىلاش ئىشتىراك قىلىشىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئادەتتىكى مېھماندارچىلىق، نەزىر ، ئۆلۈم مەرىكىلىرى ...دە ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئايرىم خانىلەردە ئولتۇرىدۇ . ئالاھىدە زۈرۈرىيەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەرلەر بىلەن ئاياللار بىر خانىدە ئولتۇرمايدۇ . ئىسلامىيەت شارائىتىدىكى پۈتۈن مەدرىسە ۋە خۇسۇسىي مەكتەپلەردىمۇ ئۇغۇل - قىزلار ئايرىۋېتىلىپ ، ئايرىم ئورۇندا دەرس ئالغان . قىزلار بلىەن ئوغۇللارنى ئايرىپ ئوقۇتۇش تاكى 20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن . بۇنداق بولۇشنىڭ تۈپ سەۋەبى ئىككى جىنسنىڭ بىر - بىرىگە ئېزىقىشتا بولۇپ قېلىشىنى چەكلەشتىن ئىبارەت ئىدى . 

 
ئۇيغۇرلار بىۋاسىتە تۇققان ھېسابلانمايدىغان ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ باشقا كىشىلەر بولمىغان ئەھۋاللاردا يالغۇز تۇرۇشى پەرھىزلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ . بۇ ھەقتە << بىر ئەر بىلەن بىر ئايال يالغۇز تۇرغاندا ئۈچىنچىسى چوقۇم شەيتان بولىدۇ >> دېگەن گەپ بار ( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى-تورغا يوللىغۇچىدىن ) . بۇ ئەرلەر بىلەن ئاياللار يالغۇز تۇرغاندا ئۇلار شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن ناتوغرا جىنسىي پائالىيەتتىن ساقلىنالمايدۇ دېگەنلىكتۇر . 

 
شۇڭلاشقا ئاياللارنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن پىنھاندا ئۇچرىشىشى، يالغۇز سەپەرگە چىقىشى ( سەپەر جەريانىدا ئۇنىڭ باشقا ئەرلەرگە سەپەرداش بولۇپ قالىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ) چەكلەنگەن ئىشلار ھېسابلىنىدۇ . ئادەتتە توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ قويغان ياكى كۆڭۈل رىشتىلىرى بىر - بىرىگە چېتىلىپ قالغان يىگىت - قىزلارنىڭ پىنھاندا ئۇچرىشىشى ئوخشاشلا قاتتىق پەرھىز بولۇپ، بىز تارىخىمىزدىكى مۇشۇنداق چەكلىمە ۋە ئۇنى بۇزۇپ تاشلاش ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۈرەش ۋە تېراگىدىيەلىك ئاقىۋەتلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ جىنسىي ۋەسۋەسە پەيدا قىلىدىغان ھەر قانداق بىر ئۇچرىشىش ، بىللە تۇرۇشنى چەكلەپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز . 

 
جىنسىي ئېزىقتۇرۇشنى چەكلەش پەرھىزلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئىشلىتىدىغان خاس بويۇملار ۋە كىيىم - كېچەكلەرگە قارىتىلغان . ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاياللار ئىشلىتىدىغان ھەر خىل پەرداز بۇيۇملىرى ، جۈملىدىن تۈرلۈك بەدەن ئاسقۇلىرى ، ئۇپا - ئەڭلىك ، خېنىلەر ... گە ئەرلەر ئادەتتە تېگىشتىن پەرھىز قىلىدۇ . بۇ نەرسىلەر ئەگەر يات ئاياللارنىڭ بولسا مۇنداق چەكلىمە تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ . ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ كىيىمى بىر يەرگە قويۇلمايدۇ . يۇيۇلغاندىن كېيىن بىر يەرگە ئېسىلمايدۇ . بۇنىڭدا كىيىم - كېچەكنىڭ بىر - بىرىگە تېگىپ كېتىشى بەدەننىڭ بىر - بىرىگە تىگىپ كېتىشىگە تەققاسلانغان بولسا كېرەك .


شۇڭلاشقا ئايالالرنىڭ ئىچ كىيىملىرى بىلەن ئەرلەرنىڭ ئىچ كىيىملىرىنىڭ يېقىن تۇرۇشى ياكى تېگىشىپ تۇرۇشى تېخىمۇ چەكلىنىشكە تېگىشلىك ئىش بولۇپ ھېسابلانغان .


ھازىرقى دەۋردە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرى قاتناش قوراللىرىغا چىقىپ يول يۈرگەندە ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆز كىيىمىنىڭ يات ئەرلەر كىيىمىگە تېگىپ كېتىشىدىن پەرھىز قىلىدۇ . ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىلگىرىكى دەۋرلەردە سىرتقا چىققاندا مەستۇرە ھالەتتە يۈرگەچكە ، ئۇلارنىڭ كىيىم - كېچىكىگە چېقىلىش ئىنتايىن ھاقارەتلىك ۋە ئەخلاقسىز ئىش ھېسابلىنىپ جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىنىشىگە ئۇچراپ تۇرغان . مەستۇرە ھالەتتە تۇرۇشنىڭ بىر رولى شۇكى ، ئەرلەر مەستۇرە ئايالنىڭ چىراي - تۇرقىنى ، قەددى - قامىتىنى ئېنىق كۆرەلمىگەچكە ، ئۇلارغا بولغان جىنسىي ئىستەك ۋە ئېزىقىشتىن ئاساسەن خالىي بولالايدۇ . 

 
ئۇيغۇرلاردىكى مەزكۇر پەرھىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى تۇرالغۇ ئۆيلەردە ھويلىنى ئىككىگە بۆلۈش ياكى قىز - ئاياللار ئۈچۈن خاس خانە تەييارلاش بولغان . مۇشۇنداق قىلغاندا سىرتتىن كىرگەن يات ئەرلەر شۇ ئائىلىدىكى ئاياللارنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ . ئوخشاشلا سىرتتىن كىرگەن يات ئاياللارمۇ شۇ ئائىلىدىكى ئەرلەرنى كۆرەلمەيدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئەقەللىي دەرىجىدىكى جىنسىي قوزغىلىش ياكى خىيالدىن خالىي بولالايدۇ . ئۇيغۇرلاردا يەنە << قىزلار خورازنىڭ ئالدىدىن ئۆتسىمۇ بولمايدۇ >> دېگەن پەرھىز بار . گەرچە ئادەم بىلەن توخۇ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بولسىمۇ ، بېراق خوراز ئەركەك جىنس بولغانلىقى سەۋەبىدىن ، قىزلاردا ئەركەك جىنسقا نىسبەتەن مەلۇم تۇنۇشنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇشۇنداق كۈلكىلىك پەرھىزلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان . 

 
ئىسلام دىنى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلاردىكى جىنسىي ئېزىقتۇرۇشقا ئائىت پەرھىزلەر تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى . ئۇمۇمەن ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدا جىنسىي ئىستەك پەيدا قىلىدىغان ھەر قانداق يۈرۈش - تۇرۇش ، گەپ - سۆز بىردەك چەكلىمىگە ئۇچرىدى . ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ئۆز - ئارا تىكىلىپ قارىشىش كۆزنىڭ زىناسى ، بەتقىلىق سۆزلەرنى قىلىش ئېغىزنىڭ زىناسى ، شۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاش قۇلاقنىڭ زىناسى ، سىيلاش ، تۇتۇش قولنىڭ زىناسى ، جىسنىي ئىستەك ئۈچۈن مېڭىش پۇتنىڭ زىناسى ، شۇنداق تۇيغۇدا بولۇش( ئەسلى كىتاپتا يات ئاياللارغا قارىتا جىنسىي تۇيغۇدا بولۇش دەپ يېزىلغان بولۇپ بىر تەرەپلىمە دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن <شۇنداق تۇيغۇدا بولۇش >دەپ ئېلىندى. ئەمەلىيەتتە ئەر-ئايال ھەر ئىككىلا جىنس شۇ خىل تۇيغۇدىن خالىي بولالمايدۇ - تورغا يوللىغۇچىدىن) كۆڭۈلنىڭ زىناسى دەپ قارىلىپ ، ئاشۇنداق ھەرىكەتلەرمۇ قاتتىق چەكلىنىدىغان بولدى . ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدا يۇقىرىقىدەك جىنسىي ھەرىكەتلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت پەرھىزلىك ھەرىكەت سانىلىپ ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھازىرغا قەدەر رول ئويناپ كەلمەكتە . 

 
ئاپتۇرى:ئەنۋەر سەمەت قورغانى. مەنبە: ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر ناملىق كىتاب 
80خالتا بلوگى ئۈچۈن كۆكيال يوللىغان

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى ئەرلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسى دەۋرىيلىككە ئىگە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى جىنسىي قۇۋۋەتنى كۇچەيتكۇچى ئامىللار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .