جىنسىي كېسەللىك ئىنسانلار ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمكى كېسەللىكلەرنىڭ بىرى ھەم دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ تارقالغان يۇقۇملۇق كېسەللىك  

             يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ھۆكۈمەت جىنسىي كېسەللىكنى كونترول قىلىش داۋالاش ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 يىللىرىدا جىنسىي كېسەللىك تېز سۈرئەتتە ئازلىغان ھەم يوقالغان . لېكىن 70 يىللارغا كەلگەندە جىنسىي كېسەللىك يەنە قايتىدىن يامرىغان .

            1980 يىلى پۈتۈن دۆلەتتە پەقەت 48 جىنسىي كېسەللىك بىمارى بارلىقى ئېلان قىلىنغان ، لېكىن 2000 يىلىغا كەلگەندە بۇ سان 859040 غا يەتكەن . تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، خاتا دىئاگنوز قويۇش ھەم دوكلات تولۇق بولماي قالغان .

            دۆلىتىمىزدىكى مۇتەخخەسىسلەر ئەمەلىيەتتىكى كېسەل بىمارى سانى دوكلات قىلىنغاندىكىدىن 10 ھەسسە كۆپ دەپ مۆلچەرلىمەكتە . جىنسىي كېسەللىك كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ھەم جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا زور خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە . 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا جىنسىي كېسەللىكنىڭ تارقىلىشى يولى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سېمىزلىك ۋە جىنىسىي ئىقتىدار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .