ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئانا بولۇشنىڭ ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاشۇرۇپ، پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى ئۇزاق ۋاقىت ياخشىلايدىغانلىقىنى بايقىغان

          ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، ئەستە قالدۇرۇش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بۇرۇنقىغا يەتمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. لېكىن ئالىملار بۇنداق ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ۋاقىتلىق تۆۋەنلىشى چوڭ مېڭىنىڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش جەريانىنىڭبىر قىسمى، بۇنداق ئۆزگىرىش كۆپىنچە ھاللاردا پايدىلىق بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
 
بالىلىق بولۇش ئاياللارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ

بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئانىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىشى بۇرۇنقى مېڭە ئىقتىدارىنىڭ زىيىنىنى تولۇقلاپلا قالماستىن، يەنە ئاياللارنى بالا تەربىيىلەشتە زۆرۈر تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قاندۇرالايدىغان قىلىدۇ.

          بۇنداق ئۆزگىرىشئۇلارنىڭ پۈتۈن ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپلا قالماستىن، ئۇلارنى كەلگۈسىدىكى بەزى ياشانغانلار كېسىلىنىڭ ئازابىدىن خالاس قىلىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللار بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك تۇغۇت سۇغۇرتا بىلىملىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك تۇغۇت سۇغۇرتا بىلىملىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .