1 ئاچچىق ، ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا – دەرمەكلەر : قىزىلمۇچ ، كاۋاۋىچىن ، قارىمۇچ ، ئارپىبەدىيان ، شاكال بەدىيان ، بەش خىل پۇراقلىق تالقان قاتارلىقلار ئۈچەيدىكى نەملىكنى ئاسان خورىتىۋەتكەچكە ، ئاشقازان بېزىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازىيىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئاشىقازان ئاغرىش ، ئۈچەي يولى قۇرغاقلىشىش ، گېموروي ، قەۋزىيەت قاتارلىقئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

2.غىدىقلاش رولى بولغان يېمەك –ئىچمەكلەر : تەركىبىدە كوففېئىن بولغان ئىچىملىك ۋە يېمەكلىكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلماسلىق ، ھامىلدارلار يەنە قېنىق چاينى كۆپ ئىچسە ،  يۈرەك سوقۇشنى تېزلەشتۈرۈرېتىدۇ .

3.تاتلىق يېمەكلىكلەر : ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قەنتنى كۆپ يېسە ھامىلىگە چىش چىقىش ۋە ئۇستىخاننىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ . شاكىلاتنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېسىمۇ بولمايدۇ .

4.ئۆرۈك مېغىزى : ئۆرۈك مېغىزىدىكى ماددىنىڭ بالا ھەمراھىدىن ئۆتۈپ ھامىلىگە تەسىر يېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئۆرۈك مېغىزىنى يېمەسلىكىلازىم .

5.تېتىتقۇ:تېتىتقۇنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا ، كۆپ مىقداردىكى سىنىكنى خورىتېۋىتىدۇ ، بۇ ھامىلە نېرۋا سىستېمىسىنىڭيېتىلىشىگە پايدىسىز .

6.قارا قېرىنقۇلاق : قارا قېرىنقۇلاقنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ ، بىراق ئۇ ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە پايدىسىز .

7.سېمىز ئوت : سېمىز ئوتنى ھەم دورا كۆكتات ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ ، بىراق ، ئۇنىڭ خۇسۇسىيتى سوغۇق بولغانلىقتىن ئىچىنى سۈرۈۋېتىدۇ . تېەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە ، سېمىز ئوت شىرنىسىنىڭ بالياتقۇنى غىدىقلاش رولى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا ، ئاسانلا بويىدىن ئاجراشنىكەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

8. ئۇزۇن ساقلانغان بەرەڭگە : بەرەڭگە تەركىبىدە بىيولوگىيەلىك ئىشقار بار . بەرەڭگىنى ئۇزاق ساقلىغانسېرى ئۇنىڭدىكى بىيولوگىيەلىك ئىشقارنىڭ مىقداردىمۇ شۇنچە كۆپىيىدۇ .

9.ئادەمگىياھ : ئادەمگىياھ ئىستېمال قىلغاندا ، روھنى ئۇرغۇتۇپ ، مەنپىيلىكنى خورىتىدۇ ۋە سۇلۇق ئىششىق ۋە يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىقلارنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ .

10.تەركىبىدە خۇرۇچ بولغان يېمەكلىكلەر : كونسېرۋادىكى خۇرۇچ غەيرىي ھامىلە ۋە بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىل ، شۇڭا ھامىلدارلار كونسېرۋا يېمەكلىكىدىن يىراقتۇرۇشى لازىم . پىلتە قۇيماقنى پىشۇرۇش جەريانىدا قوشۇلىدىغان زەمچە بولسا تەركىبىدە ئاليومىن بولغان ئانورگانىك ماددا بولۇپ ، ئۇ بالا ھەمرايى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىگە كىرىپ ، ھامىلىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدار مەزگىلىدە پىلتە قۇيماق يېيىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، بۇغداي ئۇنىدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك .

11.لامنارىيە :لامنارىيەنىڭ يۇمشىتىش ۋە چىڭىتىش رولى بار بولۇپ ، ئويۇپ قالغان تالقاننى تارقاقلاشتۇرۇۋېتىدۇ ۋە ئېرىتىدۇ ، شۇنداقلا ھامىلە چۈشۈپ قېتىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئىككىقات مەزگىلدىكى تېرە قىچىشىشقا سەل قارىماڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تېرە ئاسىراش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .