يېڭى توي قىلغان بەزى ئاياللار بۇرۇن ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆرسىلا، ھەتتا پۇرىقىنى پۇرىسىلا قەر قىلىپ ياندۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ

ئەسلىدە بۇ ھامىلىدارلىقنىىڭ ئىنكاسى بولۇپ، ئىلگىرى بۇ خىل ئىنكاسىنىڭ سەۋەبى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تېنىدىكى گورمون ئاجرىلىپ چىقىشنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن بولىدۇ دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى.بىراق 20-ئەسىرنىڭ80- يىللىرىنىڭ ئاخىرى، ئامېرىكا بېركلېي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىئولوگ پرۇففىت بۇنىڭغا قارىتا يېڭىچە قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئەتىگىنى ياندۇرۇشىنى ھامىلىدارلىق ئىنكاسىنىڭ بىر خىل تەدرىجىي تەرەققىيات ماسلىشىشچانلىقى دەپ قارىغان. ھامىلىدار ئاياللار مۇشۇنداق ئىنكاش ئارقىلىق ئھجىز ھامىلىنى تەبىئىي زىيانلىق ماددىلا بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلايدىكەن.

ھامىلدار مەزگىلدىكى ئاياللار مەلۇم خىل يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق ئارقىلىق ھامىلىنىڭ ساغلاملىق نىسبىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ ھەمدە بۇخىل ۋاقىتلىق ئىشتىھاسىزلىقنى كېيىنكى ئەۋلادىغا ئېرىسىيەت قالدۇرىدۇ. 


  2000- يىلى ياز پەسىلىدە كوننېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇتەخەسىسىسلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسلىق مۇھىم نۇقتىسىن ئىسپاتلاپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشچە، كۆكتات ۋە تېتىقۇلار ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەتىگىنى قوسۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قالماستىن، بەلكى گۆش، بېلىق، ئۆر قۇشلىرى ۋە تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرمۇ ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئەتىگىنى قۇسۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللار ھامىلە تەرەققىي قىلىۋاتقان دەسلەپك مەزگىلدە بۇ خىل يېمەكلىكلەردىن بىزار بولۇشقا باشلايدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە ماس كېلىدۇ. چۈنكى گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئاسانلا پارازىت قۇرت ۋەكېسەل قوزغاتقۇچىلارنى بىللە ئېلىپ كېلىدۇ؛ بۇلار تۆرەلمىگىلا زىيان يەتكۈزۈپ قالماي، يەنە ئانىغىمۇ تەھدىت سالىدۇ. ھامىلىدار ئاياللاردا ئەتىگىنى ياندۇرىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپلا قالماي، بەلكى پۈتۈن كۈن ياندۇرىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. 


  ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ياندۇرۇشى ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولغان دەسلەپكى مەرگىلدىكى ئىپادىسى بولۇپ، كىسىلەرنىڭ دىققەت ? ئېتىبارىنى قوزغايدۇ. بەدەن غەيرىي نەرسىلەرنىڭ دەخلى ? تەرۇزىغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا(مەسلەن، ۋىروس ياكى تۆرەلمىگە ئوخشاش سىرتتىن كەلگەن ھۈجەيرىلەر)، قۇسۇش ۋە كۆڭلى ئېلىشىش ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. روشەنكى، ئانىلىق گورمون، پروگېسىتىن ۋە باشقا گ?ورمونلارمۇ بۇ خىل ياندۇرۇش ئىنكاسىنى تېزلىتىدۇ. يېقىنقى تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشچە، بۇخىل ئىنكاس بولغان ئاياللاردا بويىدىن ئاجراش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر ئاز بولىدىكەن. ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ ئەكسىچە، گورمون ئاجىرىتىپ چىقىرىش مىقدارى كۆپرەك بولغان ھامىلىدار ئاياللاردا ئېغىر دەرىجىدە سەھەردە قوسۇش ئىىنكاسىنىڭ بولۇشى ناتايىن ئىكەن. ئەمەلىيەتتە سەھەردە ياندۇرىدىغان ئىنكاسى بولمىغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئانىلىق گورمونى ۋە پر?وگېسىتىنىنىڭ ئاجىلىپ چىقىش مىقدارى تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. 


  مۇتەخەسسىسلەر 16 دۆلەتتىكى 7900 دىن ئارتۇق ھامىلىدار ئايال ئۈستىدە(56 گۇرۇپپىغا بۆلۈپ ) تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇلار %66 ئايال ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنكى6- 14 ھەپتىگىچە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىنكاس پەيدا بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. قىزىقارلىقى، تەخمىنەن %65 ئايال ھامىلىدار بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئاز دېگەندىمۇ بىر خىل يېمەكلىكتىن يىرگەنگەن. قارىغاندا ئىشتىھاسىزلىق ئالاھىدە ئەھۋال ئەمەس. بۇ ئاياللارنىڭ % 16 ى تەركىبىدە قەھۋە بولغان ئىچىملىكلەردىن،%8 پۇرىقى كۈچلۈك بولغان كۆكتاتلاردىن، مەسىلەن، كاللەكبەسەي قاتارلىقلاردىن بىزار بولغان. يەنە % 4 ھامىلىدار ئايال تېتىقۇ قۇشۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن قورققان. %28 ئايال ھايۋانات مەھسۇلاتىدىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى، بولۇپمۇ گۆش، ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇم ۋە بېلىق قاتارلىقلارنى ھەزىم قىلالمىغان. 
  تەخەسسىسلەرنىڭ يەنە بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىشچە، قارىمۇچ، ئارپا بەدىيان ئۇرۇقى قاتارلىق تېتىتقۇلار يېمەكلىكلەردىكى پارازىت قۇرت ۋە كېسەل قوزغاتقۇچىلارنى ئۆلتۈرەلەيدىكەن. بىراق ھامىلدار ئاياللار سۈپىتى ئۆزگەرگەن گۆشلەرنى يېمەيلا قالماستىن، يەنە تېتىقۇلاردىكى تەبىئىي توكسىنلاردىن تولىمۇ بىزار بولىدىكەن.


  كۆپ ساندىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ياندۇرۇش ئىنكاسىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىدىغان كۈنلىرى مۇقىم بولمىسىمۇ، بىراق سەھەردە ياندۇرۇش ۋاقتى ئىنتايىن لايىقىدا بولىدۇ، ھامىلىدار بولغىنىغا 6-14ھەپتە بولغاندا ھامىلىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى يېتىلىدۇ. ئەمما بۇ ۋاقىتتا ئانىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىنكاسى ئاجىزلاپ، ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ دىۋارىغا مۇقىملىشىشىنى پۇرسەت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بۇ بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ھامىلىدا ئاياللارنى ناھايىتى ئاسىنلا باكتېرىيە، ۋىروس ۋە ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. مەسلەن ئادەتتە سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ياسىمان قۇرتى، ئىپتىدائىي پارازىت قۇرتلار بولىدۇ. بۇ خىلدىكى پارازىت قۇرتلارنىڭ ئادەتتە ھېچقانداق زىيىنى يوق بولۇپ، ئاياللار دەسلەپكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بۇ خىل پارازىت قۇرتنى ئېلىپ يۈرگەندە، ھامىلىنىڭ ئانىدىن يۇقۇملىنىشىنى، ھەتتا بيىدىن ئاجراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 


  ھامىلىدار بولۇپ 3 ئايدىن كېيىن، ھامىلىدە تەدرىجىي ھالدا كېسەللىك باكتېرىيىسىگە قارىتا قارشىلىق كۈچى يېتىلىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئانا گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن ئېرىشكەن ئوزۇقلۇق ئارقىلىق ھەر خىل خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرالايدۇ ھەمدە ئىشتىھاسىزلىق ئالاھىدىلىكى بولغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ سەھەردە ياندۇرۇش ئەھۋالى بۇنىڭغا ئەگىشىپ يوقىلىشىقا باشلايدۇ. 


  باكتېرىيىلەر كۈچلۈك تېتىتقۇ ياكى قاينىتىلغان سۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، باكتېرىيە سىستېمىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، يەنە بىر خىل تېتىتقۇ ئۇنى بويسۇندۇرغىچە كۆپىيىپ يامرايدۇ. تاماق ئېتىش ۋە تېتىتقۇلارنى تەڭشەشتىكى ئۆزگىرىشلەر كىشلەرنىڭ يېمەك _ ئىچمەك مەدەنىيىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىدى. تاماق ئېتىش جەريانىدا كىشىلەر مەلۇم خىل تېتىتقۇلارنىڭ ئاشقازان _ ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغانلىقىنى بايقىغان. بىراق ھامىلىدار ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىنى قوغداشتا، مۇمكىن قەدەر ياندۇرۇش ئارقىلىق ئارشقازان ۋە ئۈچەينىڭ بوشۇتۇپ، باشقا ماددىلارنىڭ زەخىملەندۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 


  دېمەك، بۇلاردىن تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەجدادىمىز ھامىلدار بولغان ئىپتىدائىي ئاياللار قانغا بويالغان ھايۋنلارنىڭ گۆشىنى كۆرگەندە چودۇم ياندۇرغان، مانا بۇ ھامىلدار ئاياللارنىڭ سەھەردە ياندۇرۇشىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلىدار ئاياللار ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلدارلار سەمىگە توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .