ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك چۈنكى، ھامىلە ئانا بەدىنىدىن بىۋاسىتە ئوزۇقلۇق سۈمۈرىدۇ ئەگەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلىنىش ناچار بولسا، ھامىلىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچراپ، ئۇنىڭدا ئېغىر ھالدىكى غەيرىيلىكىنى پەيدا

 ئوزۇقلىنىشنىڭ زىيادە بولۇپ كېتىشىمۇ ئاسانلا بوۋاق ۋە ئانىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا ھامىلىدارلار مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشى، يېتەرلىك ئاقسىل، ۋىتامىن، مىكرو ئېلېمېنتلارنى تولۇقلاپ تۇرۇشى كېرەك.
 
     1. يېتەرلىك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ھامىلىدارلارنىڭ كۈندىلىك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، تائاملارنى مۇۋاپىق تەڭشەپ يېيىشى، تائاملارنىڭ تۈرىنى تولۇقلىشى، مىقدارىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشى كېرەك. بولۇپمۇ ھامىلىدارلاردا ئاسانلا كەمچىل بولىدىغان كالتسىي، تۆمۈر، ۋىتامىن D ۋە B تۈرىدىكى ۋىتامىنلارنى تولۇقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
 
     2. يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپ خىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۈندىلىك تائاملار تەركىبىدە ئۇن، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، كۆكتات، مېۋە – چېۋە، سۈت ۋە سۈت ياسالمىلىرى، شۇنداقلا ئوخشاش تۈردىكى ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى نۆۋەت بىلەن قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
 
     3. مۇۋاپىق مىقداردا غىزالىنىش كېرەك. ھەر قېتىم غىزالانغاندا بىر خىل تويۇش سېزىمى بولىدۇ. ئاشقازان – ئۈچەي يۈكىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ھەم ئېچىرقاش سېزىمىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەر ۋاخ غىزادىكى كۆكتات تەركىبىنى، ياخشىسى، يىرىك ۋە قاتتىق، قويۇق ۋە سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئوخشىمىغان ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك.
 
     4. مۇۋاپىق غىزالىنىش تەرتىپى بولۇش كېرەك. پۈتۈن كۈنلۈك يېمەكلىكنى خاراكتېرى، مىقدارى، بەلگىلەنگەن ۋاقىت بويىچە مۇۋاپىق تەقسىملەش كېرەك. ئۈچ ۋاخ غىزادىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنىڭ تەقسىملىنىشى ئەتىگەنلىك تائامدا %25 – %30، چۈشلۈك تائامدا %40، كەچلىك تائامدا %30 – %35  بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ فۇنكسىيىسى تۆۋەنلىسە، غىزالىنىش قېتىم سانىنى ئازايتىش ۋە تەڭشەش كېرەك.
 
     5. كۆكتات قورىغاندا تەمىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، ئوزۇقلۇقنىڭ خورىشىنى ئازايتىش، ئىمكانقەدەر تائاملارنىڭ رەڭگىنى كۆركەملەشتۈرۈش، پۇرىقىنى مەززىلىك، تەمىنى ئۆزگىچە قىلىش ئارقىلىق ئىشتىھانى غىدىقلاپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلىدارلاردا نېمە ئۈچۈن سېزىكلىك ئالامىتى بولىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلىدار ئاياللار يوپۇرماق كىسلاتاسىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشى كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .