ھامىلىدار ئاياللار چاينى، بولۇپمۇ قېنىق دەملەنگەن قىزىل چاينى ئىچسە ھامىلىگە زىيانلىق چايدا كوففېئىن بولۇپ، ئۇنىڭ قوزغىتىش رولى بار چاينى كۆپ ئىچكەندە ھامىلىنىڭ تەۋرىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ

ئۇنىڭدىن باشقا، چايدا كۆپ مىقداردا تاننىك كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇ ھامىلىدارنىڭ يېمەكلىكىدىكى تۆمۈر ئېلېمېنتى بىلەن بىرىكىپ ئورگانىزم سۈمۈرەلمەيدىغان مۇرەككەپ ماددىغا ئايلىنىدۇ.

ھامىلىدار ئاياللار قېنىق چاينى كۆپ ئىچسە قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىلىدىمۇ تۇغما خاراكتېرلىك تۆمۈر يېتىشمەسلىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار، ئەڭ ياخشىسى، چاي ئىچمەسلىكى ياكى سۇس دەملەنگەن چاينى ئازراق ئىچىشى كېرەك.

  يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلدار ئاياللارچۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلىدارلاردا نېمە ئۈچۈن سېزىكلىك ئالامىتى بولىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .