ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دائىم كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ تەتقىقاتلارغا ئاساسلان

  ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دائىم كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، چۈچۈمەل يېمەكلىك ياكى دورىلار غەيرىي ھامىلە پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

كۆپ مىقداردىكى چۈچۈمەل يېمەكلىك ۋە چۈچۈمەل دورىلار(ۋىتامىن، ئاسپىرىن قاتارلىقلار) بەدەننىڭ ئىشقارلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوڭايلا چارچاش، ماغدۇرسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

بەدەندە كىسلاتالىق ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا، ئانىدا بەزى كېسەللەرنى پەيدا قېلىپلا قالماي، يەنە ھامىلىنىڭ نورمال، ساغلام ئۆسۈشىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدىكەن، ھەتتا غەيرىي ھامىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك.

   يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلدارلار تەبىئىتى ئىسسىق دورا – دەرمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلىدار ئاياللار چاينى كۆپ ئىچمەسلىكى كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .