شاكال بەدىيان، زىرە، كاۋاۋىچىن، قارىمۇچ، قوۋزاقدارچىن، مۇچ قاتارلىق دورا – دەرمەكلەر ھامىلىدار ئاياللارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ


ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، بەدەن تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق يۇقىرىلاپ، ئۈچەي يوللىرى قۇرغاقلىشىدۇ، بۇنداق دورا – دەرمەكلەر غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئاسانلا ئۈچەي يوللىرىدىكى سۇنى سەرپ قىلىۋېتىپ، ئۈچەي بەزلىرىنىڭ ئاجرىتىشىنى ئازايتىپ، ئۈچەينى قۇرغاقلاشتۇرۇپ قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ.

قەۋزىيەت بولغان ھامىلىدار ئايال چوڭ تەرەت قىلغاندا كۈچەپ كەتكەنلىكتىن قورساق بېسىمى بالىياتقۇدىكى ھامىلىنى بېسىپ، بالا قىمىرلىيالماي غەيرىي ھامىلە شەكىللىنىش، باش سۈيى بالدۇر يېرىلىش، تەبىئىي چۈشۈك، بالدۇر تۇغۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلدار ئاياللار پالەكنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلدار ئاياللارچۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .