1 داس بوشلۇقىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى راۋان بولماي ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ ، قۇش

    1. داس بوشلۇقىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى راۋان بولماي ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ ، قۇشۇمچە ئەزا ياللۇغلىنىش ، داس بوشلۇقى ياللۇغلىنىش ، سۈيدۈك يوللىرى يۇقۇملىنىش ، داس بوشلۇقىغا قان تولۇپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ .

     2 . بەلنى تاڭغاندا قورساق بوشلۇقىنىڭ بېسىمى ئۆرلەپ ، ئاسانلا بالياتقۇنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى ، كۆپىيىش ئەزالىرى بىنورمال بولۇش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ .
 
     3 . مەقئەت يولى ئەتراپىدىكى كۆپلىگەن ۋىنالار گىمىرويلۇق ۋىناغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ . بەلنى ئۈزۈلدۈرمەي تاڭغاندا گىمىرويلۇق ۋىنالاردا مۇنەكچىلەر پەيدا بولۇش بىلەن بىللە ، يەرلىك ئورۇندىكى قاننىڭ ئېقىمى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرايدۇ . ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئاسانلا گىمىروي ۋە قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
 
     4 . بەلنى ھەدىدىن زىيادە چىڭ تاڭغاندا نەپەسلىنىش توسالغۇغا ، كېرىلگەن مۇسكۇلنىڭ ئۈستى – ئاستىنىڭ يۆتكىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ . بۇنداق بولغاندا باش قېيىش ، دىمى سېقىلىش ، قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ .
 
     5 . بەلنى تاڭغاندا ئاشقازان – ئۈچەي بىۋاستە بېسىمغا ئۇچراپ ، يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىش ، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ . ۋاقىت ئۇزارسا ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ .

شۇڭا تۇغۇتتىن كېيىن بەلنى قالايمىقان تاڭماي ، ئاكتىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئەڭ مۇھىمى بالىنى ئىمىتىش كېرەك . بۇنداق بولغاندا بالياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپلا قالماي ، بەدەننىڭ گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ .
 
شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلدارلىق دېغى چۈشۈشتىن ساقلىنىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلدار ئاياللار پالەكنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .