ئادەتتە نۇرغۇن ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كېيىن يۈزىگە داغ چۈشۈشنى تەبىئىي ئەھۋال دەپ قارايدۇ ئەمەلىيەتتە ھامىلدارلىق دېغى ھامىلدارلاردا يوپۇرماق كىسلاتا تۈرىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بەرگەند

ھامىلدارلىق دېغى|妊娠斑
 
     ئاياللار ھامىلدار ۋاقىتتا ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەگەر ھامىلدارلاردا يوپۇرماق كىسلاتا(فولۋىك كىسلاتا) تۈرىدىكى ئوزۇقلۇقلار كەم بولسا يۈزىگە ئاسان داغ چۈشىدۇ. يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ. بولۇپمۇ پالەك، ھايۋانلارنىڭ جىگىرى، تۇخۇمنىڭ سېرىقىدا يوپۇرماق كىسلاتاسى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، يېڭى كۆكتاتلارنى يېتەرلىك يېمىگەندە، ئاسانلا يوپۇرماق كىسلاتاسى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.

يوپۇرماق كىسلاتاسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا ئاسانلا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. كۆكتاتلارنى بەك قۇرۇۋەتكەندە ياكى بەك پىشۇرۇۋەتكەندە، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى يوپۇرماق كىسلاتاسى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۆرەك ئۇستى بېزىنىڭ خىزمىتى ئاجىز بولسىمۇ، بەدەندە سۈر قوڭۇر داغ، سېرىق قوڭۇر داغلار پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ يۈزدە ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ، بىراق بۆرەك ئۇستى بېزىنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كەلگەن ھامان بۇ خىل داغلار تەدرىجىي يوقايدۇ. ھامىلدارلىقتىكى داغ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا، تەركىبىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى مول بولغان كۆكتاتلارنى، شۇنداقلا ھايېانات جىگىرى ۋە تۇخۇم سېرىقىنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك.
 
شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلدار ئاياللار زۇكام بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تۇغۇتتىن كېيىن بەلنى خالىغانچە تېڭىشنىڭ خەتىرى كۆپ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .