بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى توغرىسىدىكى بىلىم ئۇچۇرلار

      بالا چۈشۈرۈشكە بولىدىغان ۋاقىت
 
    ھامىلىدارلىق ھەپتىسى 21 ھەپتىگە توشمىغان بولسا ، بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشقا بولىدۇ . ھامىلىدارلىق ھەپتىسى 22 ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە ، زامانىۋى تەربىيىلەش ئەسلىھەلىرى ۋە ئوزۇقلىنىش شارائىتى تولۇق ھازىرلانغان بۈگۈنكى كۈندە ھامىلىنىڭ يەنىلا ھايات قېلىش ئېھتىمالى مەۋجۇد . شۇڭا ، چوقۇم بالدۇرراق ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش كېرەك .
 
       بالا چۈشۈرۈشتە ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك شەرتلەر
 
    ئەگەر ئاياللار تۇغۇت بۆلۈم كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا توغرا كەلسە ، چوقۇم تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك :
 
    1. 20 ياشتىن ئاشقان ئاياللار چوقۇم يولدىشى ياكى جورىسى ھەمراھلىقىدا « بالا چۈشۈرۈشكە قوشۇلۇش گۇۋاھنامىسى » نى كۆرسىتىشى كېرەك . توي قىلىش يېشىغا توشمىغانلار چوقۇم ئانىسىنىڭ قوشۇلغانلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك .
 
    2. ھامىلىدارلىق ئېيى تۆت ئايدىن ئېشىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرغىلى كەلگەنلەر چوقۇم يولدىشى ياكى جورىسىنى بىللە ئېلىپ كېلىشى لازىم .
 
    3. ئەگەر بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە بالا چۈشۈرۈشكە قوشۇلغانلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ كەلمىسە .
 
    4. ئوپېراتسىيىدىن كېيىن چوقۇم ئۈچ كۈن يېتىپ ئارام ئېلىش كېرەك .
 
 
    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :
 
    بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇش ئۈچۈن نومۇر ئالغاندا ئادەتتە ئىسىم - فامىلىسى ، ئادرېسى ، تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلار خاتىرىلىنىدۇ . بۇ ۋاقىتتا بەزىلەر خىجىل بولۇپ يالغان ئىسىم ياكى يالغان ئادرېس ۋە تېلېفون نومۇرلىرىنى قوللىنىدۇ . خاتىرىلەشكە تېگىشلىك بۇ مەزمۇنلار ئوپېراتسىيە قىلدۇرغانلار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بولۇپ ، ھەرگىز يالغان سۆزلەشكە بولمايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا دوختۇرلارنىڭ بىمارلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش بۇرچى بار . ئەگەر دوختۇرلار ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا جازالىنىدۇ . شۇڭا ، دوختۇرلارمۇ ھەرگىز بىمارلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى باشقىلارغا ئاشكارىلىماسلىق كېرەك .
 
    ئوپېراتسىيە قىلىشتىن ئىلگىرى سوراشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر 
 
    1. ئاخىرقى قېتىملىق ھەيز ۋاقتى : ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ھەيز قايسى ۋاقىتتا كېلىپ ، قايسى ۋاقىتتا پاكىزلانغانلىقى .
 
    2. ھەيز مىقدارى : ھەيز مىقدارىنىڭ ئادەتتىكىگە ئوخشاش ياكى ئادەتتىكىدىن كۆپ ۋە ياكى ئاز ئىكەنلىكى .
 
    3. نەچچە قېتىم بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغانلىقى .
 
يۇقىرىقى 1 - ۋە 2 - مەزمۇن ھامىلىدارلىق ئاي - كۈنىنى بېكىتىشكە ياردەم بېرىدۇ .
 
    ئاياللاردا بەزىدە « ساختا ھەيز كېلىش » ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ . بۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي يولدىن قان كېلىشنى كۆرسىتىدۇ .
 
يۇقىرىقى 3 - مەزمۇن ئىلگىرى كۆپ قېتىم بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان بولسا ، كېيىنكى قېتىملىق ئوپېراتسىيىسىنىڭ ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىملىقىغا ئوخشاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
 
    4. زىيادە سەزگۈر بەدەن تىپى : ئانتىبىئوتىكىلار ۋە باشقا زۇكام دورىلىرىغا زىيادە سەزگۈر كىشىلەر دوختۇرغا ئېنىق ئېيتىپ قۇيۇشى كېرەك .
 
    5. كونا كېسىلى بار - يوقلۇقى : يۈرەك كېسىلى ، جىگەر كېسىلى ، بۆرەك كېسىلى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغانلار ياكى ھازىر مەلۇم خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار دوختۇرغا كېسەللىك تارىخىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشى كېرەك .
 
    6. ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا چېكىش : دائىم ھاراق ئىچىدىغان ياكى ئىچمەيدىغانلىقى ، بىر كۈندە نەچچە تال تاماكا چېكىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئېنىق ئېيتىش كېرەك . بۇ ئەھۋاللار ناركوز قىلىشتا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە .
 
    ھامىلدارلىققا دىئاگنوز قۇيۇش ئۇسۇللىرى 
 
    سۈيدۈكنى تەكشۈرۈش : ھامىلىدارلىقنىڭ مەلۇم مەزگىلىدە سۈيدۈكتىكى بالا ھەمراھى غىدىقلىغۇچى ھورموننىڭ سەۋىيىسىگە ئاساسلىنىپ ، ھامىلدارلىققا دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ .
 
    ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئاپپاراتتا قاتلاملارغا بۆلۈپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى : ھامىلىدارلىقنىڭ 5 - ھەپتىسىدىن كېيىن بۇ ئاپپاراتتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بالىياتقۇنىڭ ھالىتى ، ھامىلىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى قاتارلىقلارنى كۆزەتكىلى بولىدۇ . 
 
    ئوپېراتسىيىدىن ئاۋۋالقى تەييارلىق 
 
    1. يۇيۇنۇش : ئوپېراتسىيە قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ۋە ئوپېراتسىيە قىلىدىغان كۈنى سەھەردە يۇيۇنۇۋېلىش لازىم . چۈنكى ئوپېراتسىيىدىن كېيىن مەلۇم ۋاقىت يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ .
 
    2. تاماق يېمەسلىك : ئوپېراتسىيە قىلىدىغان كۈنى ئەتىگەنلىك تاماق يېمەسلىك ، شۇنداقلا سۇ ياكى قەھۋە ئىچمەسلىك لازىم . بولمىسا ئوپېراتسىيە جەريانىدا تۇنجۇقۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .
 
    3. لازىمەتلىك بۇيۇملارنى ئالغاچ كېلىش : ياغسىزلاندۇرۇلغان پاختا تەييارلاش ، ئەڭ ياخشىسى بالىنتسىدا 2 ~1 كۈن يېتىپ ، ياخشى كۈتۈنۈش ، ئوپېراتسىيە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان ئەھۋالدا بىر كۈن بالنىستىدا يېتىش تەلەپ قىلىنىدۇ . شۇڭا ، لازىمەتلىك بۇيۇملارنى تولۇق ئالغاچ كېلىش كېرەك .
 
    4. ئوپېراتسىيە قىلىدىغان كۈنى گىرىم قىلماسلىق : ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغان كۈنى بىمارلار تىرناقلىرىنى پاكىز ئېلىۋېتىش ، تىرنىقىغا لاك سۈرمەسلىك ، لەۋ سۇرۇخ ۋە باشقا گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىك لازىم . بولمىسا دوختۇر بىمارنىڭ چىرايىغا قاراپ ناركوز ۋە ئوپېراتسىيە جەريانىدا بىمارنىڭ ئەھۋالىغا توغرا ھۆكۈم قىلالمايدۇ . بۇلاردىن سىرت ، يوشۇرۇن كۆزەينەك ۋە ھالقا سېلىشقىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ .
 
    5. ئالدى تۈگمىلەنگەن كىيىم كىيىش : جىددىي ئەھۋالغا ماسلىشىش ئۈچۈن بىمارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئالدى تۈگمىلەنگەن كىيىم كىيىش ھەمدە لىپتىك تاقىماسلىقى لازىم . بۇ ئارقىلىق ئوپېراتسىيىگە قۇلايلىق ياراتقىلى بولىدۇ .
 
    ھامىلىدارلىق 12 ھەپتىگە توشمىغاندا بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ .
 
    1. بالىياتقۇ ئېغىزىنى كېرىش : بالىياتقۇ بوينىنى كەرگۈچىنى ئىشلىتىپ ، بالىياتقۇنى ئاستا - ئاستا كېرىش كېرەك .
 
    2. ھامىلىنى چۈشۈرۈش : بالىياتقۇ ئېغىزىنى كېرىپ بولغاندىن كېيىن ، بالا ھەمراھىنى قىسقۇچنى كىرگۈزۈپ ھامىلىنى ئىزدەپ تېپىش ، ئاندىن قوشۇققا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەسۋاب بىلەن قېپقالغان بالا ھەمراھىنى تولۇق قىرىپ ئېلىش لازىم .
 
    ئوپېراتسىيىدە ۋە ئوپېراتسىيىدىن كېيىن كۆرۈلىدىغان نورمالسىز ئەھۋاللار 
 
    1. بالىياتقۇ بوينى يىرتىلىش : ئوپېراتسىيىدە بالىياتقۇ بوينىنى كەرگەن ۋاقىتتا بالىياتقۇ بوينى زەخىملىنىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
 
    2. قالدۇق قېپقېلىش : ئوپېراتسىيىدە ھامىلە ۋە بالا ھەمراھى ھەمراھى تۇلۇق قىرىپ ئېلىۋېتىلمىگەنلىك تۈپەيلىدىن ، قېپقالغان ھامىلە ۋە بالا ھەمراھى بالىياتقۇدا چىرىپ كېتىدۇ .
 
    3. بالىياتقۇ تېشىلىش : بالىياتقۇغا بالىياتقۇ قىسقۇچنى كىرگۈزگەن ۋاقىتتا بالىياتقۇنى تېشىۋېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ .
 
    4. ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ئاسانلا باكتېرىيىلەردىن يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ . شۇڭا ، ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك . 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تېرە قىچىشىش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سېمىزلىك ھامىلىگە زىيان يەتكۈزىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .