ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تېرىنىڭ قىچىشىشىنىڭ كۆپىنچىسى نورمال ھادىسە ھېسابلانسىمۇ ، لېكىن يەنە بىر قىسىم ئاياللاردىكى تېرە قىچىشىش جىگەرگە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تىنىپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

 
   ھامىلدار ئاياللار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا ، ئۆت سۇيۇقلۇقى بەدەننىڭ مەلۇم جايلىرىغا تىنىۋېلىپ سىرتقا چىقىرىلماي قالىدۇ . بۇنىڭ بىلەن قىلدام تومۇرلارغا تىنىۋالغان ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ نېرۋىنى غىدىقلىشى بىلەن تېرە قىچىشىدۇ .
 
 
   ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى جىگەرگە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تىنىۋېلىش كېسەللىكىنىڭ تۆرەلمىگە بولغان خەتىرى ئىنتايىن ئېغىر . ئۆت سۇيۇقلۇقى بالا ھەمرىھىگە تىنىۋالغاندا بالا ھەمرىھىنىڭ تىۋىت ئارىلىقى تارىيىپ ، بالا ھەمرىھىنىڭ قان ئېقىمى ئازلاپ ، ئانا بىلەن تۆرەلمە ئوتتۇرىسىدا ماددا ئالمىشىش ۋە بالىنى ئوكسېگىن بىلەن تەمىنلەش تەسىرگە ئۇچراپ ، بويىدىن ئاجراش ، تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇش ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
 
   ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى جىگەردە ئۆت سۇيۇقلۇقى تىنىپ قېلىش كېسىلىنىڭ كلىنكىلىق ئىپادىسىدە تېرە قىچىشىدۇ . ئېغىر بولغاندا سېرىقلىق پەيدا قىلىدۇ . ئاز ساندىكى ئاغرىقلاردا يەنە ماغدۇرسىزلىنىش ، ئىچى سۈرۈش ، قورساق كۆپۈش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا قىلىدۇ . ھامىلدار ئاياللار بۇنداق بېشارەت بولغاندا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك .
 
رىزۋانەم نامەت تەرجىمىسى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلىگە زىيانلىق خىزمەتلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .