تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل خىزمەتلەر ، ئاياللارنىڭ ھامىلىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ



 1. قوغۇشۇن ، سىماب قاتارلىق مېتاللار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئاياللار .
بۇنداق ئاياللار ھامىلدار بولسىمۇ ، بويىدىن ئاجراپ كېتىش ۋە ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئېشىپ كېتىدۇ . سىماب ھامىلىنى غەيرىي يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ ، قوغۇشۇن بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ . گۇڭگۇرت تۆت ئوكسىدى ، كىسلېن ، فېنېل ، بېنزىن قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ .

 2 . يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ، شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار . بۇنداق مۇھىت ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز .
 
 3. ئىئونىزاتسىئونلۇق رادىئاتسىيە تەتقىقاتى ، تېلېۋىزور ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەمدە داۋالاش ئورۇنلىرىدىكى رادىئاتسىيە نۇرى بار جايدا ئىشلەيدىغان ئاياللار . ئىئونىزاتسىئونلۇق رادىئاتسىيە ھامىلىنىڭ كۆرۈنمەس قاتىلى بولۇپ ، ھامىلىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ ، ھەتتا غەيرىي يېتىلىش ۋە ئۆلۈپ قېلىشتەك ئەھۋاللارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
 
 4 سېسترالار . بۇلار دائىم ھەر خىل ئاغرىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغاچقا ، ھەر خىل كېسەللىك ۋىرۇسلىرى ئۇلارغا ئەڭ يېقىن بولىدۇ . بەزى ۋىرۇسلار ھامىلىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ . 
 
 5. نۇرغۇن دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئاياللار ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ ، بويىدىن ئاجراش ، ھامىلە غەيرىي يېتىلىشپ قېلىش ، ھامىلىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز تۇغۇلۇشتەك ئەھۋللارغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى . دېھقان ئاياللارمۇ بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك .
 
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تۇغۇتتىن كېيىن ئاياللار قارا شېكەر ئىچىپ بەرسە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تېرە قىچىشىش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .