ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم

    1. ھامىلىدار ئاياللار سەيلە قىلىپ بەرسە پايدىلىق. بەزى ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ھەرىكەت قىلىشى قۇلايسىز بولغاچقا، كۈن بويى ئۆيدىن چىقمايدۇ، ئاز ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بويىدىن ئاجراپ كېتىش خاھىشى بار بەزى ئاياللاردىن باشقا ھامىلىدار ئاياللار ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە مەلۇم ۋاقىت سەيلە قىلىشنى تاكى بۇنى بالا تۇغۇلغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، تۇغۇتقا پايدىلىق.
 
    2. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆمۈر، سىنك تولۇقلاش زۆرۈر. تۆمۈر قان قىزىل ئاقسىلىنى بىرىكتۈرۈشكە زۆرۈر ماددا. تۆمۈر يېتىشمىسە، ئاسانلا تۆمۈر يېتىشمەسلىكتىن بولغان كەم قانلىق كۆرۈلىدۇ. سىنك ھامىلىنىڭ مېڭىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاساسىي زۆرۈر ئېلېمېنت. ئادەتتە تۆمۈر بىلەن سىنكنى بىللە تولۇقلىغاندا، سىنكنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا تۆمۈر تەركىبلىك يېمەكلىكلەر بىلەن سىنك تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى ئايرىم ئىستېمال قىلىش لازىم.
 
    3. ھامىلىدار ئاياللار سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچسە زىيانلىق. ھامىلىدار ئاياللار دائىم ئېغىزى قۇرۇغاندەك ھېس قىلىپ، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ ئاشقازان – ئۈچەي يوللىرى سوغۇق نەرسىلەرنىڭ غىدىقلىشىغا نىسبەتەن سەزگۈر بولىدۇ. سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچسە، ئاشقازان – ئۈچەي قان تومۇرلىرى تۇيۇقسىز تارىيىپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشتىھاسىزلىق، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، ئىچ سۈرۈش، ھەتتا ئاشقازان تارىيىش، قورساق قاتتىق ئاغرىشقا سەۋەب بولىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچسە، ھامىلىگىمۇ پايدىسىز بولۇپ، ھامىلە تىنچسىزلىنىدۇ، بۇ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.
 
    4. ھامىلىدار ئاياللار يەلقازان تامىقى ئىستېمال قىلسا زىيانلىق. يەلقازان تامىقى يېيىشتە كىشىلەر ھەمىشە گۆش پارچىلىرى، كۆكتاتلارنى قايناۋاتقان شورپىغا چىلاپ ئېلىپلا يەيدۇ. بۇنداق قىلغاندا گۆش، كۆكتات تەركىبىدىكى پارازىت قۇرت لىچىنكىلىرى ئۈچەي دىۋارى ئارقىلىق قانغا ئۆتۈپ، پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پارازىت قۇرت لىچىنكىلىرى بالا ھەمرىيىدىن  ئۆتۈپ ھامىلىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ، ئېغىر بولغاندا، ھامىلە ئانىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ھامىلە قورساقتا ئۆلۈپ قالىدۇ ياكى ھامىلە مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ھەر خىل غەيرىيلىكلەر كۆرۈلىدۇ.
 
    5. ھامىلىدار ئاياللار كولا ئىچىملىكىنى ئىچسە زىيانلىق. كولا ئىچىملىكىنىڭ تەركىبىدە كوففېئىن كۆپ بولۇپ، ھامىلىگە ناچار رېئاكسىيىلەرنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ھامىلە كوففېئىنغا سەزگۈر كېلىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار كولا ئىچىملىكىنى كۆپ ئىچسە، كوففېئىن ھامىلە قېنى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ تېنىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىلىنىڭ زەھەرلىنىپ غەيرىي يېتىلىشىنى، مەسىلەن: پۇت – قول بارماقلىرى ئاز بولۇشنى، ھامىلىنىڭ ئانىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشى، قورساقتا ئۆلۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
 
    6. ھامىلىدار ئاياللار ئادەمگىياھ ئىستېمال قىلسا زىيانلىق. ئادەمگىياھ قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان ئېسىل ئۆسۈملۈك بولسىمۇ، ھامىلىدار ئاياللار ئۇنى ئۇزاققىچە، كۆپ ئىستېمال قىلسا، سۇلۇق ئىششىق ۋە يۇقىرى قان بېسىم كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا جىنسىي يول قاناپ، بويىدىن ئاجراپ كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ھامىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھامىلىنىڭ ئادەمگىياھقا چىداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ناھايىتى ئاجىز بولغانلىقتىن، ھامىلىدار ئاياللار ئادەمگىياھنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ.  
 
 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئىلىندى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلدار ئاياللار ساماۋەر شورپىسى ئىچسە بولمايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە جۇڭيى دورىلىرىنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .