ساماۋەر شورپىسىنىڭ خام ماتىرىيالى قوي ،كالا ،ئۆچكە گۆشى قاتارلىقلار بولۇپ ،بۇ گۆشلەردە قۇرت لىچىنكىلىرى ھەمدە چارۋا ياكى ئۆي قۇشلىرىنىڭ پارازىت قۇرتلىرى بولۇشى مۇمكىن بۇ قۇرتلار ناھايىتى كىچىك بولۇپ ،ئۇ چارۋا – مال ،ئۆي قۇشلىرىنىڭ ھۈجەيرىلىرىدە بولى

     كىشىلەر ساماۋەر شورپىسىنى ئىچكەندە يېڭى گۆشنى شورپىغا سېلىپ قىزىتىپلا يېيىشكە ئادەتلەنگەن .بۇنداق قىسقا ۋاقىتتا پارازىت قۇرت لىچىنكىلىرىنى ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ –دە ،قۇرتلار ئۈچەيگە ،ئاندىن ئۈچەي دىۋارى ئارقىلىق قانغا ،ھەتتا پۈتۈن بەدەنگە تارايدۇ .

ھامىلدار ئاياللار پارازىت قۇرت لىچىنكىلىرى بىلەن يۇقۇملانسا ،كۆپىنچە ئېنىق سېزىم بولمايدۇ ياكى زۇكام ئالامەتلىرىگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .ئەمما قۇت لىچىنكىلىرى بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ ،ئېغىر بولغاندا ھامىلە چۈشۈپ كېتىش ،ئۆلۈپ قېلىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ ،ياكى ھامىلە مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ ،بالىنىڭ بېشى يوغان ياكى كىچىك بولۇش ،مېڭىسى يوق بولۇش قاتارلىق غەيرىلىكلەر كۆرۈلىدۇ .

شۇڭلاشقا مۇتەخەسسىسلەر بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى سالامەتلىكى ئۈچۈن ھامىلدار ئاياللارنىڭ ساماۋەر شورپىسى ئىچمەسلىكنى ،گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى تولۇق پىشۇرۇپ ،ئاندىن ئىستىمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ .
 
ئۇرۇمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا قانداق ئانىلار بالا ئېمىتسە بولمايدۇ ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلىدار ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .