تۆۋەندىكىدەك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار بالا ئىمىتسە بولمايدۇ :

   1.ئۆپكە سىل كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار بالىلىرىنى ئېمىتسە بولمايدۇ . بولمىسا بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يېتىپلا قالماي ،يەنە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىمۇ پايدىسىز .
 
     2.يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار .چۇنكى بالا ئېمىتىش جەريانىدا ئانىلار يۈرىكىنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىدۇ .
 
     3.ئاستا خارەكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانىلار .
 
     4. تۇتقاقلىق كېسىلى بار ئانىلار .
 
     5.جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار .جىگەر كېسىلى بار ئانىلار بالا ئېمىتكەندە ،بىر تەرەپتىن ،كېسەللىك بالا تېنىگە كىرىدۇ ،يەنە بىر تەرەپتىن ،ئانىلارنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيانلىق .بۇنداق ئانىلار بالىلىرىنىڭ سالامەتلىگىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇلارنى سۆيمەسلىكى ۋە تاماقنى ئاغزىدا چايناپ بەرمەسلىكى لازىم .
 
     6.دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار .بۇنداق ئانىلار كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقىچە بالا ئېمىتمەسلىكى كېرەك .
 
     7.قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن ئانىلار .بۇنداق ئانىلار دورا ئىچىۋاتقان مەزگىلدە بالا ئېمىتمەسلىكى كېرەك .
 
     8.سۈت بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانىلار .
 
     9.جىددىي خارەكتېرلىك كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملانغان ئانىلار .ئۇلار تۈرلۈك دورىلارنى ئىچىۋاتقان مەزگىلدە بالا ئېمىتسە بولمايدۇ .
 
     10.گالاكتوزىلىق قان ياكى فېنىل كېتون سىيىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئانىلىرى بالا ئېمىتىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك .
 
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇستىخان شورپىسى ئىچىپ ، كالتسىي تولۇقلىغىلى بولامدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلدار ئاياللار ساماۋەر شورپىسى ئىچسە بولمايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .