بىر قىسىم كىشلەر ئۇستىخان تەركىبىدە كالتسىي ناھايتى مول ، سۇس ئوتتا قاينىتىلغان

   بىر قىسىم كىشلەر ئۇستىخان تەركىبىدە كالتسىي ناھايتى مول ، سۇس ئوتتا قاينىتىلغان ئۇستىخان شورپىسى كالتسىي تولۇقلايدۇ ، دەپ قارىسا ، يەنە بەزىلەر دوفۇ تەركىبىدە كالتسىي كۆپ ، ئۇنى پالەك بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلسا ، كالتسىي تولۇقلاش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ . بۇ ئىككى خىل ئەنئەنىۋى كالتسىي تولۇقلاش ئۇسۇلىنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق .

چۈنكى ، ئۇستىخان شورپىسى تەركىبىدە كالتسىيغا قارىغاندا ياغ كۆپ . ياغ بىلەن كالتسىي بىرلەشكەندە سوپۇنلاشقان ماددا ھاسىل بولۇپ ، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ . ئەگەر ئۇستىخان شورپىسىغا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئىچسە ، كۆپ قىسىم ياغ پارچىلىنىپ ، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى ئاشىدۇ .

پالەك ، بامبۇك نوتىسى ، غولپىياز ، بۇغداش ۋە كۈدە قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە چۆپ كىسلاتاسى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ ، ئۇ كالتسىي بىلەن بىرىكىپ ، ئاسان ئېرىمەيدىغان كالتسىي تۇزلىرىنى ھاسىل قىلىپ ، كالتسىينىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنى قىيىنلاشتۇرىۋېتىدۇ .

شۇڭا ، بۇ خىلدىكى كۆكتاتلارنى كالتسىي مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بىلەن ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلدار ئاياللار ئۇسسۇسلۇق تاللاشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قانداق ئانىلار بالا ئېمىتسە بولمايدۇ ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .