قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش كېرەك : قايناق سۇ ئادەم بەدىنىدىكى ‹‹ ئىچكى ئەزالارنى تازىلايدىغان سوپۇن›› لۇق رولىنى ئويناپ ، ھۈجەيرە پەردىسىگە تېز سىڭىپ كىرىپ ، يېڭى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، گېموگلوبىن مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئورگانىزمنىڭ ئىممۇن



 قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش كېرەك :
قايناق سۇ ئادەم بەدىنىدىكى ‹‹ ئىچكى ئەزالارنى تازىلايدىغان سوپۇن›› لۇق رولىنى ئويناپ ، ھۈجەيرە پەردىسىگە تېز سىڭىپ كىرىپ ، يېڭى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، گېموگلوبىن مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، قايناق سۇ ھامىلدار ئاياللاردىكى سېزىكلىكتىكى ھۆ بولۇش ، قۇسۇشنى پەيدا قىلىدىغان ھورمۇن سۇيۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىدۇ .
 
   مىنېرال سۇ ئىچىشتە چەك قويۇلۇشى كېرەك : مىنېرال سۇ ئىچكەندە پايدىلىق ماركىلارنى تاللاش كېرەك . لېكىن ھامىلدار ئاياللار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سوغۇق سۇ ئىچىشتىن ساقلىنىپ ، ئۈچەي يوللىرىنىڭ غىدىقلىنىشىنى پەيدا قىلىپ بالىياتقۇنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .
 
   تازىلانغان سۇ ئىچمەسلىك كېرەك : تازىلانغان سۇنى كۆپ مىقداردا ئىچكەندە ، بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغان مىكرو ئېلېمنتلار يوقىلىپ ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ .
 
   چاينى ئاز ئىچىش كېرەك : چاي ھامىلدار ئاياللارنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ئۇرغۇتۇپ ، ئۇيقۇسىزلىقنى پەيدا قىلىپ ، يۈرەك سېلىش ۋە بالا مىدىرلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆپەيتىۋېتىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ، يەنە چاي يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتالار يېمەكلىكتىكى كالتسىي ، تۆمۈر ئېلېمېنتى بىلەن بىرىكىپ ، كالتسىي ۋە تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ . بۇ تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشىغا پايدىسىز .
 
   كولا بىلەن قەھۋەنى بىللە ئىچمەسلىك كېرەك : كولا بىلەن قەھۋە ئوخشاشلا ھامىلدار ئاياللارنىڭ روھىي كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ . كولا تەركىبىدە قەھۋە ئىئونى ، پىگمېنت ، كاربونىك كىسلاتا قاتارلىقلار بار بولۇپ ، ئۇلار ھامىلدار ئاياللاردا تۆمۈر ، كالتسىي كەمچىل بولۇش كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ .
 
   ھەر كۈنى بىر ئىستاكان يېڭى مېۋە سۈيى ئىچسە كۇپايە : يېڭى مېۋە سۈيى تەركىبىدە %90 تىن يۇقىرى سۇ بولغاندىن سىرت ، يەنە مېۋە قەنتى ، گىلۇكوزا ، قومۇش شېكىرى ۋە ۋىتامىنلار بار بولۇپ ، ئۇلار ئىنتايىن ئاسان ھەزىم بولىدۇ . شۇڭا ھامىلدار ئاياللارنىڭ كۈنكۈكى ئىستېمال قىلغان مېۋە سۈيى 300 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . مېۋە ئىچىملىكى تەركىبىدە يەنە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا ، رەڭ ماددىسى ۋە مۇئەتتەر بار ، بۇ خىل ماددىلار ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق .
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئانىنىڭ باغرىغا بېسىشى بوۋاقنىڭ ئاغرىقىنى توختىتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇستىخان شورپىسى ئىچىپ ، كالتسىي تولۇقلىغىلى بولامدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .