بوۋاقلارغا ئوكۇل سالغاندا ياكى ئۇلاردىن قان ئالغاندا ، بالىلارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن دوختۇر ياكى ئا

   بوۋاقلارغا ئوكۇل سالغاندا ياكى ئۇلاردىن قان ئالغاندا ، بالىلارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن دوختۇر ياكى ئاتا–ئانىلار دائىم بالىلارغا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ . ئەمما يېقىندا ئەنگىلىيەدە نەشىردىن چىققان ‹‹ ئوپېراتسىيە پىچىقى›› ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا ، بۇنداق قىلىشنىڭ كۆپ پايدىسى يوق بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە ، ئانا بالىنى باغرىغا باسسا ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن .
 

 
   لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستۇتىنىڭ دوكتورى رېبىسكا سىلاتر: ئاغرىق يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ نېرۋىسىنىڭ يېتىلىشىگە قىسقا ياكى ئۇزۇن مۇددەت تەسىر كۆرسىتىدۇ . يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاغرىقىنى ئۈنۈملۈك ھەم تېز پەسەيتىش ئىنتايىن مۇھىم مەسلە ، دېدى .
 
   تەتقىقاتچىلار يېڭى تۇغۇلغان 59 بوۋاق ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ باردى . بۇ 59 بوۋاقنىڭ يېرىمىغا قان ئېلىشتىن ئىلگىرى شېكەر ياكى ناۋات سۈيى ئىچۈرۈلگەن . نەتىجىدە شېكەر ياكى ناۋات سۈيى ئىچۈرۈلگەن بوۋاقلار گەرچە ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئاغرىق ئىنكاسى يەنىلا كۈچلۈك بولغان ؛ شېكەر ياكى ناۋات سۈيى ئىچۈرۈلمەي ، ئانا باغرىغا بېسىلغان بوۋاقلار بەك ئۇزاق ئاغرىق ھېس قىلمىغان ياكى ئازابلانمىغان . بۇ ئۇسۇلنى يېشى چوڭراق بالىلارغا قوللانغاندا ، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخغى بولىدىكەن .
 
   تەتقىقاتچىلار : بۇ نەتىجە شېكەر ياكى ناۋات سۈيى ئىچۈرگەندە بالىلارنىڭ دىققىتىنى بۇرىغىلى بولىدىغانلىقنى ؛ ئەمما ئانا باغرىغا باسقاندا بالىلاردىكى ئاغرىقنى ھەقىقىي پەسەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .  
 
‹‹ پايدىلىنىش خەۋىرى›› دىن ئېلىندى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تولغاق ۋە ئوزۇقلىنىش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلدار ئاياللار ئۇسسۇسلۇق تاللاشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .