قورساق ئاغرىپ تولغاق ئېغىرلاشسا شوۋىگۈرۈچ ئىچىش ، نېلۇپەر يىلتىزىنىڭ تالقىنىنى يې

 قورساق ئاغرىپ تولغاق ئېغىرلاشسا شوۋىگۈرۈچ ئىچىش ، نېلۇپەر يىلتىزىنىڭ تالقىنىنى يېيىش ، كۆكتاتلارنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىش كېرەك .

كالا سۈتى ، كۆكتات قىيمىسى ، تۇخۇم قاتارلىق ئوڭاي ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك .

تولغاق سەل ياخشىلانغاندا تالاسى يوق ، مايسىز ، يېرىم سوغۇق تائاملارنى ، تورت ، پېچىنە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تەدرىجى يېسە بولىدۇ .

تولغاقنىڭ ئالامەتلىرى پۈتۈنلەي يوقالغاندىن كېيىن ، مايسىزراق ، تالاسى ئازراق يۇمشاق تائاملارنى يېيىشكە بولىدۇ .

كۆكتات قىيمىسى ، تالاسى كۆپ مېۋە-چىۋىلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ . تولغاق بولۇپ قالغانلار سامساق يەپ ، كۆپ چاي ئىچىپ بەرسىمۇ بەلگىلىك شىپا بولىدۇ 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلدارلار ئېغىز تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئانىنىڭ باغرىغا بېسىشى بوۋاقنىڭ ئاغرىقىنى توختىتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .