بىرىنچى، ھامىلدارلار ئادەم كۆپ توپلاشقان جايلارغا بارماسلىقى كېرەك،چۈنكى بۇنداق جايلارنىڭ ھاۋاسى بۇلغا

      بىرىنچى، ھامىلدارلار ئادەم كۆپ توپلاشقان جايلارغا بارماسلىقى كېرەك،چۈنكى بۇنداق جايلارنىڭ ھاۋاسى بۇلغانغان بولۇپ،ھامىلىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر يېتىدىكەن،ھامىلدارلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغاچقا،ئاسانلا يۇقۇملىنىدىكەن.سىرتقا چىققاندا،ماسكا تاقاپ،ئۆيگە كەلگەندە قولىنى سوپۇن ياكى تەركىبىدە %70-%80 لىك ئىسپىرت بولغان قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن پاكىز يۇيۇشى كېرەك. 
 
 
  ئىككىنچى،تەركىبىدە ۋىتامىن cمول بولغان مېۋە-چېۋە،كۆكتاتلار ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك،يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك.مەسىلەن،ئورۇق گۆش،قۇش تۇخۇمى قاتارلىقلار،شۇنداقلا قايناق سۇنى كۆپ ئىچىشمۇ ئورگانىزىملارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،كېسەللىك ۋىروسلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە قىلغان ھۇجۇمىنى توسۇيدىغان ياخشى چارە ئىكەن. 
 
 
  ئۈچىنچى،تۇرمۇشى تەرتىپلىك بولۇشى كېرەك،ھەددىدىن زىيادە چارچىماسلىقى كېرەك،كۈندە 10سائەت ئەتراپىدا ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك،تۇزلۇق سۇدا ئېغىزىنى پات-پات چايقاپ تۇرۇش،قولنى كۆپ يۇيۇپ تۇرۇش،ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ،تازىلىقىنى ياخشىلاپ،ئۆيىگە ئەڭ ياخشىسى دېزىنفېكسىيىلەش سۇيۇقلۇقى چېچىپ،پاكىز تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 
 
 
  تۆتىنچى،بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ،چېنىقىشنى ئادەم ئاز جايلاردا داۋاملاشتۇرۇش،ئاپتاپقا كۆپ قاقلىنىپ،ئورگانىزىملارنىڭ كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. 


 


 
  ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ھامىلدارلار ھازىر ۋاكسىنا ئەملەش ئبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈلمىگەن.بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب،ھازىر ھامىلدارلارغا ۋاكسىنا ئەملەشتىكى كلىنىكىلىق تەجرىبە ماتېرىيالى كەمچىل بولغاچقا،ھامىلدارلارغا ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلمەسلىكىگە بىر نېمە دېمەك تەس ئىكەن. 
 
 
  بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارغا ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن،ۋاكسىنىنىڭ ئانا سۈتىگە كىرىدىغان-كىرمەيدىغانلىقىغا ئالاقىدار تەتقىقات سانلىق مەلۇمات ھازىرچە يوق،پايدا-زىياننى تۇلۇق دەڭسىگەندىن كېيىن ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلىش كېرەك. 
 
 
  ھامىلدارلار ھامىلىگە زىيان يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن،ئادەتتە دورا ئىستېمال قىلغاندا،ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ.ئەگەر ھامىلدارلاردا Aتىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە،دورا بىلەن داۋالىنىش كېرەك. بۇنداق قىلىشنىڭ پايدىسى زىيىنىدىن كۆپ. Aتىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدارلاردا ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش ۋە بويىدىن ئاجراپ كېتىش خەتىرىمۇ بەلگىلىك يۇقىرى بولىدىكەن.

ھامىلدار 怀孕

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلدار ۋاقىتتا چاچ بۈدرە قىلىش ساغلاملىققا پايدىسىز تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئانا سۈتى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .