ھامىلدار ئاياللاردا ھەر خىل فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ھامىل

      ھامىلدار ئاياللاردا ھەر خىل فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمۇ مۇشۇ فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا، ھامىلدار مەزگىلدە چاچ بۈدۈر قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۆزىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش ئېھتىياجىنى ئويلىشىپ، ساغلاملىقىغا زىيان يېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
 
 
     ئادەم بەدىنىدىكى تۈك ئادەتتە مۈڭگۈز ئاقسىلىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مۈڭگۈز ئاقسىلى ئامىنو كىسلاتاسىدىن شەكىللىنىدۇ. ئاياللار ھامىلدار مەزگىلدە ھامىلىنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشى زۆرۈر بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈك ئىشلەپچىقارغۇچى ئامىنو كىسلاتاسى تەبىئىي ھالدا كېمىيىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھامىلدار ئاياللارنىڭ چېچى ئىلگىرىكى نورمال ۋاقىتتىكىدىن ئاجىزلىشىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا چاچنى بۈدۈر قىلغاندا چاچقا زەخمە يېتىدۇ.  
 
بۇنىڭدىن باشقا ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاياللاردا ئىچكى ھورموننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، چاچ بۈدۈر قىلىنسا بەدەندە يامان تەسىر پەيدا بولىدۇ. شۇڭا تەننىڭ ساغلام بولىشىنى نەزەردە تۇتقاندا، ھامىلدار ۋاقىتتا چاچ بۈدۈر قىلماسلىق كېرەك .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزىنىڭ توشۇش فۇنكىسىيىسى دېگەن نېمە؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلدارلار دىققەت قىلىدىغان تەرەپلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .