ئاۋسترالىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدارلاردا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋىتامىن D كەمچىل بولسا بالا چوڭ بولغاندا تىل قابىلىيىتىدە مەسىلە كۆرۈلىدىكەن

    ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا، ھامىلىدارلاردا ۋىتامىن D كەمچىل بولسا، بالىنىڭ سۆڭەك يېتىلىشى ئاستا بولۇش، زىققا كېسىلىگە ئوڭاي گىرىپتار بولۇش ياكى بەدىنىنىڭ يېتىلىشى ناچار بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.

ھامىلىدارلار سەمىگە

    غەربىي ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئامېرىكا ‹‹بالىلار كېسەللىرى›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار 20 يىل بۇرۇن 700دىن كۆپرەك ھامىلىدارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ۋىتامىن D مىقدارىنى تەكشۈرگەن. تەتقىقاتچىلار بەش يىلدىن ئون يىلغىچە ۋاقىتتىن كېيىن، بالىلارنىڭ ھەرىكەت، ھېسسىيات ۋە تىل قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.

    تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ۋىتامىن D مىقدارى تۆۋەنرەك ئاياللارنىڭ بالىلىرى قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ۋىتامىن D مىقدارى يۇقىرىراق ئاياللارنىڭ بالىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا تىل قابىلىيىتى جەھەتتە ئوڭاي توسالغۇغا ئۇچرىغان. ھەر لىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە 72 – 154 نانومول ۋىتامىن D بار ئانىلار ۋىتامىن D مىقدارى يۇقىرىراق ئانىلار ھېسابلىنىدىكەن، ھەر لىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە15–46 نانومول ۋىتامىن D بار ئانىلار ۋىتامىن D مىقدارى تۆۋەنرەك ئانىلار ھېسابلىنىدىكەن.

    تەتقىقات يېتەكچىسى ئاندرېۋ ۋىتخوس: ھامىلىدارلاردا ۋىتامىن D كەمچىل بولسا، بالا مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ، بالىنىڭ تىل قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ـــ ماتېرىيالدىن


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قارا شېكەرنىڭ شىپالىق رولى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك تۇغۇت سۇغۇرتا بىلىملىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .