ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن كېيىن ئاياللاردا بەدەن قىچىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ بۇ خىل بەدەن قىچىشىشھامىلدار ئاياللارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتدۇ بۇ مېدىتسىنا ئىلىمىدە (I C P) دەپ ئاتىلدۇ ئادەتتە بەزى ھامىلدار ئاياللار بۇ خىل ق

              يېقىنقى يىللاردىن بويان بۇ خىل بەدەنقىچىشىش تېببىي مۇتەخخەسىسلارنىڭ يۈكسەك دېققەت ئىتىبارىنى قوزغىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ، ھامىلدارلىقتىكى يەل دېگەن كۆزقاراشقا بولغان ئىزدىنىشلار ھازىرغا قەدەر قايىل جاۋابنى روياپقا چىقىرالمىدى.لېكىن كۆپلىگەن كۆزقاراشلارئانىلىق ھورموننىڭ زىيادە يۇقۇرلىقىغا مەركەزلەشتى.

 

               بۇخىل كېسەللىكلەرنىڭ ھامىلدار ئايال ۋە ھامىلىگە قانداق تەسىرى بار؟

               1.ھامىلدار ئايالنىڭ پۇت ،قول،يوتا،قورساق قىسىمىنىڭ تېرىسى قىچىشىش تاتلاش سەۋەبى بىلەن يارلىنىپ يۇقۇملىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇيقۇ ھەم دەم ئېلىشقا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىدۇ.

               2.ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى تەرەققىياتى ئاستا بولىدۇ.ھامىلىنىڭ يىتىلىشى بىلەن ھامىلدارلىق ئاي سانى ماس كەلمەيدۇ.

               3.ھامىلدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم پەيدا بولىدۇ.

               4.ھامىلدار ئايالنىڭ مىكرو قان ئايلىنشى ياخشى بولمايدۇ.كىچىك ئارتېرىيە سىپازمىلىنىش تەسىرىدە بالا ھەمراھى بىلەن ھامىلە ئوتتۇرسىدىكى قان ئايلىنىش تەسىرگەئۇچىرايدۇ(نورمال ئەھۋالدا ھامىلىگەھەر مىنۇتتا 600ml--350mlقان يېتىپ بارىدۇ) بۇنىڭ بىلەن ھامىلە بالياتقۇ ئىچىدە تۇنجۇقۇپ قالىدۇ. تۇغۇت دەۋرىدە بالا بالىياتقۇنىڭ ئىچىدە كۈچلۈكبېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي،تۇنجۇقۇپ، تۇغۇلغاندىن كېيىن جىددى قۇتقۇزۇش زۆرۈريىتى تۇغۇلىدۇ.قان تومۇرلىرى چۈرۈكلىشىدۇ؛زەخمىلەنگەن جاي ئاسان قانايدۇ.بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى ياخشى بولمايدۇ ؛چوڭ قاناش يۈز بېرىدۇ.

 
               بۇ خېل كېسەللىكدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟


               ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئانا بىلەن ھامىلىگە بولغان زىيانلىق تەرىپىنى چۈشۈنۈپ يېتىش، بۇكېسەلگە قارىتاتوغرا تونۇشنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ھامىلدار ئايالنى لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈپ،ئۆت كېسلاتاسىنىڭ نورمال ياكى نورمالسىزلىقىنىئېنىقلاپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ جىگەردە يىغىلىش ئەھۋالىنىڭ بار -يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش، بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاشپىرىنسىپىنى قوللۇنۇش،ھەمدە35ھەپتىدىن كېيىن شارائىتى بار چوڭ دوختۇرخانىلاردا ھامىلدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش لازىم.ھامىلدا ئايالمۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چوقۇم قەرەللىك تەكشۈرتۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق چۈشۈنىشى ئىقتىسادىيار بېرىدىغانلار بولسا تەكشۈرتۈش قېتىم سانىنى مۇۋاپىق كۆپەيتسىمۇ بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلدار ئاياللار نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ساغلام پەرزەنت كۆرۈشنىڭ قىسمەن شەرتلىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .