ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلدە تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك :

        1 - ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ، بويىدىن ئاجراپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇلانماسلىق ، پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يېتىش ، دەسلەپكى ئۈچ ئاي ئىچىدە جىنىس مۇناسىۋەت قىلماسلىق كېرەك .

         2 - ئادەتتە ، دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش ، كىيگەن كىيىم كەڭ ، ئازادە بولۇش ، لىپتىك تاقىماسلىق ، قورساقنى سىقىۋالىدىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك لازىم .

         3 - ھامىلدار ئاياللار ئادەتتە كۆپرەك تەرلەيدىغان بولغاچقا ، پات - پات يۇيۇنىشى ، ئىچ كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى ، ئالماشتۇرىدىغان كىيىملەر پاختا رەختتىن بولىشى كېرەك .

         4 - زۇكام قاتارلىق ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ، ئەگەر زۇكام بولۇپ قالسا ، زۇكام دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىش كېرەك .

         5 - تۇغۇتتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ، بولۇپمۇ تۇنجى قېتىم ھامىلدار بولغان ئاياللار بالا ئېمىتىش مەزگىلدە ،ئەمچەك توپچىسى يېرىلىپ يۇقۇملىنىش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئەمچەك توپچىسىنى دائىم يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك .

         7 - بالىنىڭ تەربىيىلىنىشى ھامىلە تەربىيىسىدىن باشلانغان بولغاچقا ، ھامىلدارلىق مەزگىلدە ، دائىم مۇزىكا ئاڭلاش ، روھى كەيپىياتنى خوشال تۇتۇش كېرەك ، ئاچچىقلىنىش ، قايغۇرۇش ، ھەسرەت چېكىشتىن ساقلىنىش لازىم .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلدار ئاياللار ساياھەتكە چىققاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدەن قىچىشىشقا سەل قارىماڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .