ئەر-خوتۇن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەندىن باشلاپ ھېچقانداق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى ئىشلەتمەي 2 يىل ئاشقاندىن كېيىنمۇ ھامىلدارلىق كۆرەلمسە ، تۇغماسلىق كېسلى دەپ دىئاگنوز قويسا بولىدۇ تويدىن كېيىن 2 يىل ئىچىدە ئەزەلدىن ھامىلدار بولۇپ باقمىغانلارنى بىرلە

           تۇغۇش مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ ئىچىدە 8%~17% تى تۇغماسلىق كېسىلى گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن .  ئوتتۇرا ھېسابتا 10% دىيىلسە بولىدۇ . شۇڭلاشقا تۇغماسلىق كېسىىلىنى دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەل دىسە بولىدۇ .يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئېغىرلىشىغا ئەگىشىپ ، تۇغماسلىق كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش پىرسەنتى بارغانسىرى يۇقىرىلاشقا قاراپ ئاڭغان . مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ، چەتئەلدىكى تۇغماسلىق كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشى 15%~20% ئەتراپىدا ئىكەن ، دۆلىتىمىزدە بولسا 10%~5% ئەتراپىدا ئىكەن .

           شۇڭلاشقا تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئاياللاردا بىر توغرا كۆز قاراش ، تونۇش بولۇش كېرەك . ھەم تۇغماسلىقنىڭ بىر قانچە سەۋەبىنى ئېنىق چۈشىنىشى كېرەك :

           1.تۇخۇم توشۇش نەيچىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن تۇغماسلىق
输卵管病变所致不孕

           2.تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش نەيچىسى توسالغۇغا ئۇچراش سەۋەبىدىن تۇغماسلىق
排卵管障碍所致不孕

           3.تۇخۇمدان خاراكتىرلىك تۇغماسلىق
卵巢性不孕

           4.بالىياتقۇ خاراكتىرلىك تۇغماسلىق
子宫性不孕

           5.ھەيز )ئادەت(قالايمىقانلىشىش،بالىياتقۇ قوشۇمچە ئەزاسى ياللۇغى ،جىنسىي يول ياللۇغى قاتارلىق ئاياللار كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن تۇغماسلىق
月经不调、附件炎、阴道炎等妇科疾病引起的不孕


           تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئاياللار چوقۇم ئاۋۋال روھىي جەھەتتىكى يالغۇزلۇقنى ، خامۇشلۇقنى ، قورقۇشنى تۈگتىشى ، خوشال خورام ئۈتۈشكە تىرىشىش  كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراش لازىم . ھەقىقەتەن ، بالا ئەر-ئايال مۇھەببىتىنىڭ جەۋھىرى ،ئائىلىنىڭ خوشال خورام بولۇشىنىڭ بىر مۇھىم ئاچقۇچى . پەن تېخنىكا تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە ، پەقەت تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئايال بۇ كېسەلگە توغرا كۆز قاراشتا بولسىلا ، مەسىلە ھامانلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ . ئەلۋەتتە بۇ ئەر تەرەپنىڭ كۆيۈنىشى ، بىللە تىرىشىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . ئاياللار ھامىنى ئاجىز كېلىدۇ ئەمەسمۇ...


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىلىق بولۇش ئاياللارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراشنىڭ داۋاسى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .