سوئال :تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىڭ ئاساسلىق ئىتىبارلىرى قايسلار ؟جاۋاپ :تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىڭ ئاساسلىق ئىبارىلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

1. تۇغۇت دەم ئىلشى .
 
بۇ ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇتتىن بۇرۇنقى ۋە كىيىنكى بىر مەزگىللىك دەم ئىىلشتىن بەھرىمەن بۇلۇدىغان ۋاقتىنى كورسىتىدۇ.تۇغۇت دەم ئىلىش ئاساسلىقى ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت مەزگىلدە مۇۋاپىق دەم ئىلىش ئارقىىلق سالامەتلىكىنى ئاستا –ئاستا ئەسلىگە كەلتۇرشى،بوۋاقنىڭ ئوز ئانىسىنىڭ پەرۋىشى ۋە ئىمىتىشىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئۇچۇن بىرىلگەن.ھازىرقى قانۇن بەلگىلمىدە نورمال تۇغۇت دەم ئىلشى 90كۇن بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە 15كۇن تۇغۇتتىن بۇرۇنقى دەم ئىلىش، 75كۇن بولسا تۇغۇتتىن كىيىنكى دەم ئىلىش ۋاقتىدۇر.ئەگەر تۇغۇلغان بوۋاق كوپ كىزەك بولسا،ھەر بىر بوۋاق ئۇچۇن 15كۇن تۇغۇت دەم ئىلشى ئۇزارتىلىپ بىرلىدۇ ھەمدە قىيىن تۇغۇت بولسىمۇ تۇغۇت دەم ئىلشى 15كۇن ئۇزارتىلىپ بىرلىدۇ.توت ئايغا توشمىغاندا بويدىن ئاجراپ كەتسە دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتىغا ئاساسەن 15كۇندىن 30 كۇنگىچە تۇغۇت دەم ئىلىشى بىرلىدۇ.توت ئايلىقتىن ئاشقاندا بويدىن ئاجراپ كەتسە 42كۇن تۇغۇت دەم ئىلشى بىرلىدۇ .


 
2. تۇغۇت تولۇقلىمىسى .
 
دولەتنىڭ قانۇن بەلگىلمىسىدە ‹‹خىزمەتىكى ئاياللار تۇغۇت سەۋەبىدىن ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ۋاقىتتاتۇرمۇش راسخۇتى بىرلىدۇ ››دەپ بەلگىلەنگەن.دولىتىمىزنىڭ تۇغۇت تولۇقلىمىسىنى ئاتچوت قىىلش ئۇسۇلى ۋە ئاتچوت قىىلش ئولچىمى ئىككى خىلغا بولۇندۇ :بىرىنچى ،تۇغۇت سۇغۇرتىسى ئىجتىمايى فۇندى يولغا قۇيۇلغان رايۇنلاردا مەزكۇر كارخاننىنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرچە ئايلىق ئىش ھەققى ئولچىمى بۇيىنچە ئاتچوت قىىلندۇ ،ۋاقتى 90كۇندىن كەم بولمايدۇ .ئىككىنچى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى ئىجتىمايى فۇندى يولغا قۇيۇلمىغان رايۇنلاردا تۇغۇت تولۇقلىما پۇلنى مەزكۇر كارخانا ۋە ئىدارە ئاتچوت قىلدۇ،ئايال ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇتتىن بۇرۇنقى ئايلىق ئاساسىي ئىش ھەققى ۋە نۇرمال باھا ياردىمى ئاساس قىىلدۇ،ۋاختى ئادەتتە 90كۇن بولۇدۇ .


 
3. داۋالاش مۇلازىمىتى .
 
تۇغۇت داۋالاش مۇلازىمىتى بولسا دوختۇرخانا ،دوختۇر ياكى تۇغۇت دوختۇرلۇق سالايىتىگە ئىگە بولغان تۇغۇت ئانىسىنىڭ،ئاياللار ۋە ئەر ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئاياللىرنىڭ ھامىلدارلىق،تۇغۇت مەزگىلى ۋە تۇغۇتتىن كىيىنكى داۋالىنىش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئىلىشتا چوقۇم دوختۇرخانىدا يىتىپ داۋالىنش جەرياندىكى ئىلىپ بىرىلغان داۋالاشتۇر،بۇ تۇغۇت سوغۇرتىسنىڭ ئىتىبارلىردىن بىرى.ھەر قايسى دولەتلەرنىڭ توغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئاياللارغا قاراتقان داۋالاش مۇلازىمىتى ئوخشاش بولمايدۇ.دولىتىمىزنىڭ تۇغۇت سۇغۇرتىسى داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ تۇرلىرى ئاساسلىقى تەكشۇرۇش، تۇغدۇرۇش، ئوپىراتسىيە قىىلش، بالنىسىتتا يىتىش، دۇرا، پىلانلىق تۇغۇت، ئوپىراتسىيە ھەققى قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالدۇ.

 
مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى، 2009- يىلى 4- سان

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىلىق بولۇش ئاياللارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلىق بولۇش ئاياللارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .