ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺳﯘﺳﺴﯧﻜﯩﺲ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻳﻘﯩﺸﯩﭽﻪ, ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﺴﺎ, ﮬﺎﻣﯩﻠﻪ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺭﯨﺘﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ, ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﺴﺎ ﺗﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻮﺭﻣﯘﻥ ﺑﺎﻻ ﮬﻪﻣﺮﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﮬﺎﻣﯩﻠﻪ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ

ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺭﯨﺘﯩﻤﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺭﯨﺘﯩﻤﻰ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﯘﮬﯩﺘﻘﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺭﯨﺘﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺭﯨﺘﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺭﯨﺘﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﻪﻛﻼ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﺷﯘﯕﺎ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺭﻭﮬﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭﻻﺭ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﺴﺎ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺭﻭﮬﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ, ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯩﻤﻨﺎﺳﺘﯩﻜﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﭘﯘﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﯔ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ, ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻗﻮﻳﯘﯞﻩﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﮔﯩﻤﻨﺎﺳﺘﯩﻜﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. (ﺋﺎﻳﺰﯙﮬﺮﻩ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلىدارنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى تۆۋەن بولسا بوۋاقنىڭ روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .