ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى قانداق ئاياللارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ؟

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى قانداق ئاياللارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ؟

1. جىگەر ياللۇغى، بۆرەك ياللۇغى، يۈرەك كېسىلى ۋە دىيابېت كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان ئاياللارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.

2. قالقان بەز ئىقتىدارى كۈچىيىپ كەتكەن ئاياللارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.

3. ئەمچەك ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىسى ۋە بالىياتقۇ ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.

4. ئىلگىرى ياكى ھازىر قانتومۇر كەپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.

5. شەقىقە (باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش) ۋە قانتومۇر مەنبەلىك باش ئاغرىشقا گىرىپتار بولغان ئاياللارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.

6. جىنسىي يول نامەلۇم سەۋەبلەردىن قانىغان ياكى ھەيز شالاڭلىشىپ قالغان ئاياللارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.

ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، ئۆزىنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى باشقىلارغا ئارىيەت بەرمەسلىك ياكى باشقىلارنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئارىيەت ئالماسلىق كېرەك. چۈنكى ئوخشاش بولمىغان ماركىدىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ تەركىبى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەگەر تۇيۇقسىز باشقا ماركىدىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلەتسە، بەدىنى ماسلىشىۋالغىچە ئارامسىزلىنىشى ياكى باشقىچە ئەھۋال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا چىش ھەققىدە ھامىلدارلار سەمىگە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئانا سۈتى ئەمگەن بالىلارنىڭ دىيابېت كېسىلى بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .