ھامىلىدارلارنىڭ ھامىلىدارلىق مەنبەلىك چىش مىلىكى ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %2—%5 كە يېتىدۇ چىرىگەن چىشنىڭ سانىمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ

ھامىلىدارلار ئېغىز بوشلۇقى كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، داۋالاشنىڭ ھامىلىگە تەسىر قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، داۋالاتماي كېسەلنى كەينىگە سۆرەيدۇ.ھامىلىدارلار ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بەرسە بۇ مەسلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
 
چىش ھەققىدە ھامىلدارلار سەمىگە

ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چوقۇم ئوزۇقلىنىشنى كۈچەيتىش لازىم. ھامىلە بەش ھەپتىدىن ئاشقاندا، سۈت چىشى تۆرەلمىسى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ، بۇ چاغدا ھامىلىدارلار ئاقسىلنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. كالتسىي، فوسفور ۋە ۋىتامىن A قاتارلىقلارنى تولۇقلاش كېرەك. ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە مىنېرال تۇزلار ۋە ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن B نى كۆپ قوبۇل قىلىپ، سۈت چىش تۆرەلمىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

بۇ مەزگىلدە ھامىلىدارلار دوختۇرخانىغا بېرىپ ئېغىز كېسەللىكلىرىنى داۋالاتسا بولىدۇ. ھامىلدارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سۈت چىش تۆرەلمىسى پۈتۈنلەي شەكىللىنىپ بولىدۇ ھەمدە بىر قىسىم تۇراقلىق چىش تۆرەلمىسى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. چىش تۆرەلمىسىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئاقسىل، كالتسىي، فوسفور، ۋىتامىنلارنى تولۇقلاش كېرەك. ھامىلىدارلار ئېغىز تازىلىقىغا دىققەت قىلغاندا ئېغىز بوشلۇقى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم بالىنىڭ چىشىنى ساغلاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بويىدىن ئاجىراپ كېتىش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى قانداق ئاياللارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .