ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە بارغاندا، ھامىلىدار ئاياللار بارلىق جاپا-مۇشەققەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېڭى ھاياتلىقنى كۈتۈۋېلىش تەييارلىقىغا چۈشىدۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تۈرلۈك بىئارامسىزلىق بۇ مەزگىلدە تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن شۇڭا كۆڭلىنى ئەركىن-ئازادە تۇتۇش كېرەك مۇشۇ مەزگىلدىن ئۆتسىلا، تۇنجى ئانا بولۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ  

ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانىنىڭ بەدىنى شەكىل ۋە ئىقتىدارى ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بەزى ئۆزگىرىشلەر ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن تۇغۇشقىچە داۋاملىشىدۇ. بەزىلىرى ھامىلىدارلىق ۋاقتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. مەسىلەن: بالىياتقۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا تېز يوغىناپ، تۈرلۈك سىيىش ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
 
ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ئۇنىڭدىن باشقا بەزى ئالامەتلەر ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تەدرىجىي پەيدا بولىدۇ. تۆۋەندە بىز ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دائىم كۆرۈلۈدىغان مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورسىقى بىئارامسىزلىنىش

ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بالىياتقۇ تېز سۈرئەتتە چوڭايغاچقا، تۆۋەنكى قورساقتىكى ئۈچەي يۇقىرىغا ياكى ئىككى تەرەپكە يۆتكىلىدۇ. بەزىدە ئۈچەي سىقىلىپ، جىگەرنىڭ قېشىغا بېرىپ قالىدۇ. 

بالىياتقۇ چوڭىيىش بىلەن بىرگە، يەنە ئايلانما ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەر بالىياتقۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇمىلاق سىڭىر، كەڭرى سىڭىرلارغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەچكە، قورساق تارتىشقاندەك بولۇپ ئاغرىيدۇ. 

ئۇنىڭدىن باشقا داس بوشلۇقى، بولۇپمۇ دوۋسۇننىڭ ئۈستى بېسىلىپ ئاغرىيدۇ. بۇ بىئارامسىزلىنىش ئالامەتلىرىگە ئادەتتە چىدىغىلى بولىدۇ. ئۇنى ئالاھىدە داۋالاش ھاجەتسىز. كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئالسا ئوڭشىلىپ قالىدۇ. ئەگەر بەك قاتتىق ئاغرىپ كەتسە ياكى باشقا ھامىلىدارلىق ئالامەتلىرى مەسىلەن: قىزىش، قۇسۇش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كەلسە، تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، باشقا كېسەللىك بار يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش لازىم.

ئوڭدىسىغا ياتسا قان بېسىمى تۆۋەنلەش ھەم بېشى قېيىش

ھامىلىدار ئاياللاردىكى تۆۋەن قان بېسىمى بىلەن يېتىش ھالىتى خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىمى ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە كارىۋاتتا ئۇزۇن يېتىپ، تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرسا، ۋاقىتلىق خاراكتېرلىك چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بولسا بالىياتقۇ ھەجىمى ۋە ئېغىرلىق زور دەرىجىدە ئاشقاچقا، ھامىلىدار ئاياللار تۈز ياتسا ئاسانلا ۋېنا تومۇرىنى بېسىۋېلىپ، ۋېنا تومۇرىدىكى قان ئايلىنىش ئازىيىپ، يۈرەككە قان يېتىشمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەبىئىي ھالدا يۈرەكتىن ئېقىپ چىقىدىغان قان تەدرىجىي ئازلايدۇ. 

ئادەتتە %10 ھامىلىدار ئاياللاردا ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بىئارامسىزلىنىش كۆرىلىدۇ. 
كونكرېت ئالامىتى: تۈز ياتقاندا تۇيۇقسىز يۈرەك سېلىش، بېشى قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، تەرلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 
داۋالاش ئۇسۇلى: دەرھال يېتىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، بالىياتقۇنىڭ قان ئايلىنىشقا بولغان بېسىمىنى ئازايتىش كېرەك. ئادەتتە سول تەرەپنى بېسىپ ياتسا، يۈرەككە يېتىپ بېرىدىغان قان كۆپىيىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن بالىياتقۇ ۋە بالا ھەمرىيىدىكى  قان ئايلىنىش تېزلىشىپ، بالا تۆۋەن قان بېسىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

بالىياتقۇ قىسقىراش

كۆپىنچە ھامىلىدار ئاياللار 30 ھەپتىدىن بۇرۇن كۈچلۈك بالىياتقۇ قىسقىراشنى ھېس قىلمايدۇ. پەقەت تۆۋەنكى قورساق چىڭقالغاندەك بولىدۇ. 30 ھەپتىدىن كېيىن بالىياتقۇنىڭ ھەرىكىتى تەدرىجىي كۆپىيىپ، قىسقىراش كۈچى كۈچىيىپ قىسقىراش قېتىم سانى نىسپىي تېزلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار ئاياللار بالىياتقۇ قىسقىراشنى سېزىش بىلەن بىرگە ھەتتا ئاغرىقنى سېزىدۇ. بەزىدە ھەر 10-20 مىنۇتتا بىر قېتىم تەرتىپلىك بالىياتقۇ قىسقىراش كۆرىلىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى بىر، ئىككى ھەپتىسىدە ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. مانا بۇ ئادەتتە دېيىلىدىغان يالغان تولغاقتۇر. 

يالغان تولغاق بىلەن تۇغۇش ئالدىدىكى تولغاقنى پەرق ئېتىش تەس. ئادەتتە يالغان ئاغرىش بەدەن ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. ئارام ئالسا ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىدۇ. بىراق راستتىنلا تولغاق كەلسە، ھەر 20 مىنۇتتا بىر قېتىم ئاغرىشتىن تاكى ھەر ئۈچ مىنۇتتا بىر قېتىم ئاغرىشقا ئۆزگىرىدۇ. ھەم قان كېلىش، بالىياتقۇ بوينى كېڭىيىش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دەرھال دوختۇردىن ياردەم سوراش كېرەك.

سۇلۇق ئىششىق ۋە ۋېنا تومۇر ئۆسمىسى

نورمال ھامىلىدار بولۇش جەريانىدا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى سۇ مىقدارى 6. 5 لىتىر كۆپىيىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ لىتىرى ئانىنىڭ قېنىدا، ئەمچىكىدە ۋە بەدەن توقۇلمىلىرىدا ساقلىنىدۇ. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كۈنسېرى يوغىناۋاتقان بالىياتقۇ پۇتتىكى قان ئايلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇ خىل ئامىللارنىڭ ھەممىسى پۇتتىكى سۇلۇق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدارلىق ھەپتە سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئالامىتى ئېغىرلىشىدۇ. ھەتتا پۇت ۋېنا تومۇرلىرى ئەگرى-بۈگرىلىشىش ھادىسىسى كۆرىلىدۇ. بۇ خىل سۇلۇق ئىششىق بىر ئاخشام تۈپتۈز يېتىپ ئارام ئالسا، ئازراق ياخشىلىنىدۇ. بىراق ۋېنا تومۇرى ئەگرى-بۈگرىلىشىش تۇغۇتتىن كېيىن ئاندىن ئەسلىگە كېلىدۇ. 

بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت ئۆرە تۇرۇش ياكى ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش، ئىمكانقەدەر كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىش كېرەك. ئېلاستكىلىقى ياخشى پايپاق ۋە راھەت ئاياق كىيىشمۇ پۇت ئاغرىش ئالامىتىنى ياخشىلايدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەگەر سۇلۇق ئىششىق كېڭىيىپ كەتسە ھەم ئۈستۈنكى بەدەندە غەيرى ئۆزگىرىش بولسا، دىققەت قىلىش كېرەك. بىراق 38 ھەپتىنىڭ ئالدى-كەينىدە نورمال ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يۈز، قول قاتارلىق جايلىرىدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولسا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈپ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش ۋە كۆكرىكى سىقىلىش

بۇ ئالامەت ھامىلىدار ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ، ئاخىرقى ئۈچ ئايدا كۆكرەك پەردىسىنىڭ ئاستى-ئۈستىدىكى ھەرىكەت چوڭايغان بالىياتقۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھەر قېتىملىق نەپەسلىنىش چوڭقۇرلۇقىنى كۆپەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا بالىغا ئوكسىگېن يېتەرلىك بولىدۇ. بۇ خىل نەپەسلىنىش چوڭقۇرلۇقى ئاشقانسېرى، ئادەمگە نەپەس يېتىشمىگەندەك بولىدۇ. بۇ خىل ھادىسە كۆپ كېزەك ۋە باش سۈيى زىيادە كۆپ ئاياللاردا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. بالىياتقۇ بەك چوڭىيىپ كەتسە، كۆكرەك بوشلۇقىنى بېسىۋېلىپ، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىدە ھەتتا تۈز ياتسىمۇ نەپەس يېتىشمەي قالىدۇ. 

ھەرىكەتنى ئازايتىپ، كەيپىياتنى خۇشال تۇتسا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئالامەت ياخشىلىنىدۇ. كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىش، سول تەرەپنى بېسىپ يېتىش قاتارلىقلارنىڭمۇ پايدىسى بولىدۇ. ئەگەر نەپەس سىقىلىش ئالامىتى تۈز ياتقاندا ئولتۇرغاندىمۇ بەكرەك ئېغىر بولسا ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى سۇلۇق ئىششىق قوشۇلۇپ كەلسە، تۇغۇت تەكشۈرۈشىدە بۇنى جەزمەن دوختۇرغا ئېيتىش كېرەك. بەزىدە نەپەس سىقىلىش باشقا كېسەللىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

پات-پات سىيىش ۋە سۈيدۈك تۇتالماسلىق

بارلىق ھامىلىدارلىق جەريانىدىكى ئىككى مەزگىلدە ئاسانلا پات-پات سىيىش ھادىسىسى كۆرىلىدۇ. بىرىنچى: ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بالىياتقۇ چوڭىيىشقا باشلىغاندا، ئىككىنچى: ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بالا داس بوشلۇقىغا چۈشكەندە كۆرىلىدۇ. بۇ دوۋسۇن بېسىلىپ، سۈيدۈك مىقدارى ئازايغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە داس بوشلۇقى ئىچىدىكى ئەزالارنىڭ ئورنى نىسپىي ئۆزگەرگەچكە، دوۋسۇن ئۇچرايدىغان بېسىممۇ كۆپىيىدۇ. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار ئازراق كۈچىسىلا سۈيدۈك يولىدىن ئېقىپ چىقىدۇ. يەنى سۈيدۈك تۇتالمايدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۇغۇتتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ. بىراق سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىپ قالسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئالامەت كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللارنىڭ دوۋسۇن تېمى سۇلۇق ئىششىغاچقا، ئاسانلا ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا ئاسان يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. ھەتتا بۆرەك يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلسە ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. سۇنى كۆپرەك ئىچىش، ھاجەتخانىغا كۆپرەك بېرىش، سۈيدۈك يىغالماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى ئۇسۇلدۇر.

بەل ئاغرىش ۋە قول-پۇت ئۇيۇشۇپ ماغدۇرسىزلىنىش

ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بالىياتقۇ تېز سۈرئەتتە چوڭىيىپ، ئېغىرلىقى ئاشقانلىقتىن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ئالدىغا يۆتكىلىدۇ. بەدەننىڭ تەڭپۇقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەل مۇسكۇللىرى بەلگىلىك تارتىش كۈچىنى ساقلاپ، يۇقىرىقى بەدەن كەينىگە غادىيىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللار ئېگىز پاشىنلىق ئاياق كىيسە، ئومۇرتقىسى ئادەتتىكى چاغدىن تېخىمۇ كۆپ بېسىمغا ئۇچرايدۇ. 

ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرىقى بەدەن كەينىگە غادىيىش بىلەن بىرگە بەدەنمۇ مۈرە ۋە بويۇننى ئالدىغا ئېڭىشتۈرۈش ئارقىلىق باشنىڭ ھالىتىنى ساقلايدۇ. بۇ خىل بەدەن ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى باش، مۈرە ۋە بەل ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا مۈرە ئەتراپتىكى نېرۋىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، قول-پۇت ئۇيۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇزاق ۋاقىت ئۆرە تۇرماسلىقى ۋە ئېگىز پاشىنلىق ئاياق كىيمەسلىكى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، مۇسكۇلنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ساقلىشى كېرەك. مۇۋاپىق ئارام ئېلىش ۋە قىسمەن جايغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بەل ئاغرىشنى پەسەيتسە بولىدۇ. زۆرۈر بولغاندا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، يېنىك ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەڭ ياخشىسى دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرمەڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بويىدىن ئاجىراپ كېتىش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .