كۆپ قېتىم ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرمەڭ دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرۈش بەلگىلىك ماسلىشىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ھەممە ئاياللارغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ بولۇپمۇ كۆپ قېتىم ھامىلە چۈشۈرگەنلەرگە دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرۈش ماس كەلمەيدۇ  

ئىلگىرى سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرگەن ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئەسۋابنىڭ زەخمىسىگە ئۇچرىغان بولغاچقا، بالىياتقۇنىڭ سىلىقلىقى تەسىرگە ئۇچراپ، يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق، بالا ھەمرىيى چاپلىشىپ قېلىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. بۇ ئوپېراتسىيە مەشغۇلاتى مۇۋاپىق بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئۈستۈنكى تېرىسىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىغا قارىغاندا تەس بولۇپ، بەز ئۈستى تېرىسى قايتا ھاسىل بولماي، تالالىشىش ۋە ئەينەككە ئوخشاش ئۆزگىرىش ياكى كالتسىيلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كۆپ قېتىم ھامىلە چۈشۈرگەندە، يەنە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى يۇقۇملىنىدۇ. ئېغىر بولغاندا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قايتا ھاسىل بولالماي، ياللۇغ خاراكتېرلىك يىگلەش كۆرىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرۈشكە ئاۋارىچىلىك ئەپ كېلىدۇ. ھامىلە چۈشۈرۈش قېتىم سانى كۆپ بولسا، دورا ھامىلىنى تولۇق چۈشۈرەلمەسلىك نىسبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ھامىلە تولۇق چۈشمىسە، ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا ناھايىتى زور خەۋپ ئەپ كېلىدۇ. 
 
ئەڭ ياخشىسى دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرمەڭ

كىلىنىكىدا دائىم دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرگەندە تولۇق چۈشمەسلىك ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. دورا يېگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇنىڭدىن ئاغرىنىدۇ ھەتتا دورىدا مەسىلە بار دەپ گۇمان قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆز بەدىنىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرۈشتە ھامىلە چۈشۈرگۈچى ھەممە ئەھۋالنى ئەينەن دېيىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ خالىغانچە دورا يېيىشكە بولمايدۇ. دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرۈشكە بولمايدىغانلار دائىم ھامىلە چۈشۈرگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

شۇنى بىلىۋېلىش كېرەككى، دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرۈش سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈشكە ئوخشاش، ئامالسىز ئەھۋالدا قوللىنىدىغان ئۇسۇلدۇر. ھەرگىزمۇ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى قىلىۋالماسلىق كېرەك. ئىلگىرى ھامىلە چۈشۈرگەن ئاياللار ئەڭ ياخشىسى دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرگەندە دوختۇرنىڭ پىكىرىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، دوختۇرنىڭ دېگىنىگە بويسۇنۇشى كېرەك. ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىك ھەممىسىدىن مۇھىم. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلدار بولالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كىچىك قىزلاردىن باشلاش كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .