ھامىلىدار بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ئىنتايىن ئاز بولۇپ، كۆپىنچىسى كېيىنكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن بولىدۇ تۈرلۈك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق مەنبە ياشلىق مەزگىلى بولىدۇ شۇڭا ھامىلىدار بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كىچىك قىزلاردىن تارتىپ چىڭ تۇتۇش كېرەك

قىزلاردىكى تۇنجى ھەيز:

ئادەتتە قىزلارنىڭ 14 ياش ئەتراپىدا ھەيز كېلىش بىر خىل نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە بولۇپ، ئۇ كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ تەدرىجىي يېتىلىپ پىشقانلىقىنىڭ سىمۋولى. ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق فىزىيولوگىيەلىك بىلىمى كەمچىل قىزلار بۇنىڭدىن خىجىل بولىدۇ ھەم بۇنى ئۆزىگە ئىدىيەۋى يۈك قىلىۋېلىپ، ھەرقېتىم ھەيز مەزگىلىدە ئەندىشە قىلىپ، ھەتتا تاماق گېلىدىن ئۆتمەي ئۇخلىيالمايدۇ. ئۇزۇن مۇددەت شۇنداق بولۇۋەرسە قان ئۇيۇۋېلىش كېلىپ چىقىدۇ. قان ئۇيۇۋېلىش ھۈجەيرە سىستېمىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ. ھۈجەيرە سىستېمىسى زەخىملەنسە، تويدىن كېيىن ھامىلىدار بولمايدۇ. شۇڭا كىچىك قىزلاردا تۇنجى ھەيز كەلگەندىن باشلاپ، بۇ جەھەتتىكى فىزىيولوگىيەلىك بىلىملەرنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا كۆڭۈلدىكى ئەندىشە تۈگەپ تويدىن كېيىن ئاسانلا ھامىلىدار بولىدۇ.
 
ھامىلدار بولالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كىچىك قىزلاردىن باشلاش كېرەك

ھەيز مەزگىلىدىكى تازىلىققا دىققەت قىلىش:

ھەيز مەزگىلىدە تازىلىققا دىققەت قىلمىسا، ئاسانلا تۈرلۈك ئاياللار كېسەللىكى كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: ھەيز نورمالسىزلىشىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، جىنسى يول ياللۇغى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى، قوشۇمچە ئەزا ياللۇغى قاتارلىق بۇ كېسەللەر تويدىن كېيىن ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا ھەيز مەزگىلىدە تازىلىققا قانداق دىققەت قىلىش كېرەك؟

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، روھىي كەيپىياتنى خۇشال تۇتۇش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، بەك چارچاپ كەتمەسلىك، ئىسسىق تاماقلارنى يېيىش، سوغۇق تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇش، يېتىپ-قوپۇشى تەرتىپلىك بولۇش، نەم يەردە ئولتۇرماسلىق، بەدىنىنى ئىسسىق تۇتۇش، ئۇنىڭدىن باشقا ھەيز كوسىرىنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش، قەغەزنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك.

ھەيز نورمالسىزلىشىشنى بالدۇر داۋالاش:

ھەيز نورمالسىزلىشىش-ھەيز مەزگىلىدىكى ھەيز توسۇلۇش، ھەيز مىقدارىدا ئۆزگىرىش بولۇش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز توختىماسلىق قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ھامىلىدار بولمىغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇخىل ھادىسىلەر بار. شۇڭا ھەيز نورمالسىزلىشىش ھامىلىدار بولماسلىقنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن. كىچىك قىزلاردىكى ھەيز نورمالسىزلىشىش ھامىلىدار بولماسلىقنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن. كىچىك قىزلاردىكى ھەيز نورمالسىزلىشىشنىڭ سەۋەبى بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، داۋالاش ئاسان، شۇڭا قىزلاردا ھەيز نورمالسىزلىشىش كۆرۈلسە، بالدۇر داۋالاپ بىرلا قېتىمدا داۋالاپ ساقايتىش كېرەك. ئادەتتە جۇڭيى تېبابىتى بىلەن داۋالىسا، ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.

ھەيز كېچىكىپ كەلسە، كېچىكىپ توي قىلىش:

بەزى كىچىك قىزلاردا تۇنجى ھەيز كېلىش ۋاقتى كېچىكىپ، 18-20 ياشقا بارغاندا ئاندىن ھەيز كېلىدۇ ھەمدە مىقدارى ئاز، رەڭگى سۇس بولىدۇ. بۇ كۆپىيىش ئەزاسى سېستىمسى ئىقتىدارىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا، تويدىن كېيىن ھامىلىدار بولالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا ھەيز كېچىكىپ كەلگەن، يېتىلىشى بىر قەدەر كېچىككەن قىزلار چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق دورا بىلەن بەدىنىنى تەڭشەش كېرەك. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا قايتا-قايتا ھامىلە چۈشۈرسە بالدۇر قېرىپ كېتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەڭ ياخشىسى دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرمەڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .