سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش-دوختۇرلار ئەسۋابنى بالىياتقۇغا كىرگۈزۈپ شۈمۈرۈش ياكى قىرىپ ئېلىش ئارقىلىق ھامىلىدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت بۇ خىل ئوپېراتسىيە ئادەتتە ھامىلىدارلىق مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى تولۇقلاش تەدبىرى بولۇپ، ئامالسىز ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدۇ ئۇنى ھەرگىز تۇغۇت چەكلەش ۋاسىتىسى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ

بىراق تۇرمۇشتا نۇرغۇن تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار بىخەتەر ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىغا سەل قاراپ، ھامىلىدار بولۇپ قالسىلا، دوختۇرخانىغا بېرىپ بالا چۈشۈرىدۇ. نۇرغۇن كىچىك قىزلاردىمۇ نىكاھتىن بۇرۇن جىنسى ئالاقە بولغاچقا، كۆپ قېتىم ھامىلە چۈشۈرىدۇ. ئۇلار ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ بەدەنگە بولغان ناچار ئاقىۋىتىنى ھەتتا بالدۇر قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
 
قايتا-قايتا ھامىلە چۈشۈرسە بالدۇر قېرىپ كېتىدۇ

قايتا قايتا ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زىيىنى

ھورمۇن ئۆزگىرىش بەدەن ئىقتىدارى ئاجىزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئادەتتە نۇرغۇن ئاياللار ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ بەدەنگە بولغان زەخمىسى ۋە ئاغرىقنىلا ئويلىشىدۇ، ئەمما ئاغرىمايدىغان، قىچىشمايدىغان ھورمۇن ئۆزگىرىشنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرىنى تونۇپ يەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە تەن زەخمىسى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ. ئاغرىقمۇ بىردەمدىلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەمما بىردىنبىر سىرلىق بولغان ئىچكى ئاجرالما ئۆزگىرىشىنىڭ بەدەنگە بولغان زەربىسى ھەرگىزمۇ بىر-ئىككى كۈندە ئەسلىگە كەلمەيدۇ. كونىلار تۇغۇت-پىشقان قوغۇننىڭ يەرگە چۈشۈشىگە ئوخشايدۇ دېيىشىدۇ. بۇ تۇغۇتنىڭ تەبىئىي فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بەدەننىڭ بۇنىڭغا تولۇق ماسلىشىشچانلىقى ۋە تەييارلىقى بولىدۇ.

بىراق ھامىلىدارلىقنى توختاتقاندا بەدەندىكى ئىچكى ئاجرالمىلار سەۋىيەسى تېزدىن تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئاستا-ئاستا ماسلىشىش جەريانى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ بەدەنگە يوشۇرۇن خاراكتېرلىك زەربە بولىدۇ. ئەگەر قايتا-قايتا ھامىلە چۈشۈرسە، بەدەن ئېنىق ۋە يوشۇرۇن زەخىمگە ئۇچراپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئىقتىدارى ئاستا-ئاستا چېكىنىپ، بالدۇر قېرىش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلە چۈشۈرگەندە بالىياتقۇنى قىرىش پاكىزە بولماسلىق ياكى بالىياتقۇ تېشىلىپ كېتىش، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى، بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلاردىن قاناش، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.

سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈشنى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭ

شۇڭا تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار جەزمەن ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى تولۇق تونۇپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈشنى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ۋاسىتىسى قىلىۋالماي، ئۆزىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، دوختۇرغا زىچ ماسلىشىپ، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندا، ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قالالايدۇ. 

كۆپچىلىككە مەلۇمكى، كۆپ قېتىم ھامىلە چۈشۈرگەندە، ئاسانلا كۆپىيىش سىستېمىسى ئەگەشمە كېسەللىكى كېلىپ چىقىدۇ.

ئەمەلىيەتتە كۆپ قېتىم (ئۈچ قېتىمدىن يۇقىرى)  ھامىلە چۈشۈرسە، ئاياللارنىڭ سۈت بېزىگە يوشۇرۇن خەۋپ يېتىدۇ. 
شۇڭا سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش تەبىئىي تۇغۇشقا ئوخشىمايدۇ. ئالدىنقىسى ھامىلىدارلىقنى مەجبۇرى ئاخىرلاشتۇرۇش بولۇپ، كېيىنكىسى تەبىئىي فىزىيولوگىيەلىك جەرياندۇر. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ھورمۇننىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، سۈت بېزىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ئەمچەكمۇ يوغىناپ تولىدۇ. ئەتراپتىكى پېگمىنتمۇ كۆپىيىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا گىرىم بويۇملىرىنىڭ ھامىلدار ئاياللارغا بولغان تەسىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلدار بولالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كىچىك قىزلاردىن باشلاش كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .