گۈزەللىكنى سۆيۈش ئاياللارنىڭ تەبىئىتى بۈگۈنكى كۈندە، ھۆسن تۈزەش، گىرىم قىلىش ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ بىر خىل ئادىتى بولۇپ قالدى بىراق ھامىلىدار ئاياللار قېنىق گىرىم قىلماسلىقى كېرەك ئاياللاردا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىچكى ئاجراتمىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن قارا پىگمېنتنىڭ چۆكۈشىدىن ئاسانلا سەپكۈن پەيدا بولىدۇ بۇ سەپكۈنلەرنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بەزى ھامىلىدار ئاياللار ھەرخىل گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن گىرىم قىلىش ئارقىلىق بۇرۇنقى چىرايىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلايدۇ

گىرىم بۇيۇملىرى زىيادە سېزىمچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، بەلكى بەزى گىرىم بۇيۇملىرى ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك:
 
گىرىم بويۇملىرىنىڭ ھامىلدار ئاياللارغا بولغان تەسىرى

چاچ بوياش مەلھىمى: چاچ بوياش مەلھىمى بىر خىل ئالاھىدە بوياق بولۇپ، ئۇنىڭدا ئادەتتىكى بوياقلاردا بار بولغان خىمىيەلىك ماددا بولۇشتىن باشقا، يەنە تېخىمۇ مۇرەككەپ خىمىيەلىك تەركىبلەر بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى دىيامىن مېتىل  بېنزول، ئامىنو دىنوزام قاتارلىقلار ئەڭ زىيانلىقتۇر. بۇ ماددىلار ھۈجەيرىدىكى خروموسومنىڭ غەيرىي تەبىئىي بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرە راكى، سۈت بېزى راكى ۋە ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى چاچ بويىماسلىق كېرەك.

چاچ بۈدۈر قىلىش قىيامى: فىرانسىيەلىك تېببىي مۇتەخەسسىسلەر كۆپ يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، چېچىنىڭ ناھايىتى ئاجىزلىشىپ ۋە ئاسان چۈشىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەگەر يەنە خىمىيەلىك بۈدۈر  قىلىش قىيامىنى ئىشلىتىپ چاچ بۈدۈر قىلغاندا، چاچنىڭ چۈشۈشىنى تېزلىتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، خىمىيەلىك بۈدۈر قىلىش قىيامى ھامىلىدار ئايالنىڭ ھامىلىسىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئاز ساندىكى ئاياللارغا قارىتا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسىنى پەيدا قىلىدىكەن. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار چاچ بۈدۈر قىلىش قىيامىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

لەۋ بويىقى: لەۋ بويىقى كۆپ خىل ماي، موم ۋە خۇشپۇراقلىق ماددا قاتارلىق تەركىبلەردىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ماي ئۈچۈن ئادەتتە لانولىن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ بىر خىل لانولىن سۇيۇقلۇقىنى يىغىۋېلىش ۋە ئايرىش ئارقىلىق ياسالغان سۈزۈك  مايدىن ئىبارەت. لانولىن ھاۋادىكى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولغان ئېغىر مېتاللار، مىكرو ئېلېمېنت توزانلىرى ھەمدە ھامىلىنىڭ تېنىگە كىرەلەيدىغان چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىق مىكروبلارنى يېپىشتۇرىۋېلىپ، شۆلگەي ئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار لەۋ بويىقى سۈرمەسلىكى كېرەك.

يۇيۇش خۇرۇچى: ھەر خىل چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە تۈز زەنجىرلىك ئالكىل سۇلفۇنات قاتارلىق خىمىيەلىك تەركىبلەر بار بولۇپ، بۇ تەركىبلەر ھامىلە ۋە ئانىنىڭ ھەر ئىككىسىگە زىيانلىق. 150 نەپەر  پەرزەنت كۆرۈش يېشىدىكى ئاياللارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، بۇ ئاياللارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانىنىڭ تېنىدە ئۆلۈپ قالغان. بۇنىڭ سەۋەبى، تەركىبىدە ئىسپرتلىق سۇلفات كىسلاتاسى بولغان بەزى ماددىلار تېرە ئارقىلىق ئانىنىڭ تېنىگە كىرىپ، بەلگىلىك قويۇقلۇققا يەتكەندە، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئۆلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتكەندە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مۇۋاپىق ئوكسېگىن سۈمۈرۈش كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قايتا-قايتا ھامىلە چۈشۈرسە بالدۇر قېرىپ كېتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .