بىر قىسىم ھامىلىدارلار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى پۇتى ئېشىپ كېتىش، كىچىك تەرىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈشتەك ئۆزگىرىشلەرگە ئانچە ئېرەن قىلمايدۇ ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماسلىق ھەم ھامىلە ساغلام يېتىلمەسلىك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ

ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەھۋاللار ھامىلىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوكسىگېن سۈمۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم .
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مۇۋاپىق ئوكسېگىن سۈمۈرۈش كېرەك

ئادەتتە، كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئاسانلا نەپەس يولى ياللۇغلىنىپ قالىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ھامىلىنى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. بۇ چاغدا يۈرەك ھەرىكىتى ئاستا، رىتىمسىز بولىدۇ ھەم ھامىلىنىڭ يېتىلىشىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ. ھامىلىدارلار بۇنداق ئەھۋالدا دوختۇرغا تەكشۈرتۈپ مۇۋاپىق مىقداردا ئوكسىگېن سۈمۈرسە بولىدۇ.

ئوكسىگېن سۈمۈرتۈش ئارقىلىق بالا ھەمرىيىنىڭ قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ھامىلىگە ئوزۇقلۇقنى تولۇق يەتكۈزۈپ بەرگىلى بولىدۇ. ئوكسىگېن سۈمۈرتكەن چاغدا چوقۇم مۇۋاپىق سۈمۈرتۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر ئارتۇق سۈمۈرتۈلسە، ھامىلە ئوكسىگېندىن زەھەرلىنىپ قېلىپ، ئۆپكىدە سۈمۈرۈلۈش خاراكتېرلىك بىر يۈرۈش كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھامىلىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىلىدە كانايچە كېڭىيىپ كېتىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كۆزىتىپ تۇرۇپ، ئوكسىگېن سۈمۈرتۈش كېرەك. ھامىلىدار ئاياللار يەنە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە چوقۇم ياخشى دەم ئېلىشى، ئارتۇق چېچىلماسلىقى ھەم تۇزى كەم تاماقلارنى ئىستېمال قىلىپ ياخشى كۈتۈنۈشىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. 
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلدار ۋاقىتتا چاچ بۈدۈر قىلىشقا بولمايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى گىرىم بويۇملىرىنىڭ ھامىلدار ئاياللارغا بولغان تەسىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .