ھامىلىدار ئاياللاردا ھەر خىل فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمۇ مۇشۇ فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ شۇڭا، ھامىلىدار مەزگىلدە چاچ بۈدۈر قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۆزىدىكى فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىش ئېھتىياجىنى ئويلىشىپ، ساغلاملىقىغا زىيان يېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

ئادەم بەدىنىدىكى تۈك ئادەتتە مۈڭگۈز ئاقسىلىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مۈڭگۈز ئاقسىلى ئامىنو كىسلاتاسىدىن شەكىللىنىدۇ. ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلدە ھامىلىنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشى زۆرۈر بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈك ئىشلەپچىقارغۇچى ئامىنو كىسلاتاسى تەبىئىي ھالدا كېمىيىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ چېچى ئىلگىرىكى نورمال ۋاقىتتىكىدىن ئاجىزلىشىدۇ.
 
ھامىلدار ۋاقىتتا چاچ بۈدۈر قىلىشقا بولمايدۇ

بۇنداق ۋاقىتتا چاچنى بۈدۈر قىلغاندا چاچقا زەخىم يېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاياللاردا ئىچكى ھورمۇننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، چاچ بۈدۈر قىلىنسا بەدەندە يامان تەسىر پەيدا بولىدۇ. شۇڭا تەننىڭ ساغلام بولۇشىنى نەزەردە تۇتقاندا، ھامىلىدار ۋاقىتتا چاچ بۈدۈر قىلماسلىق كېرەك. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تېرە قىچىشسا تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مۇۋاپىق ئوكسېگىن سۈمۈرۈش كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .