ھامىلدار ئاياللار ئۈچۈن تۆۋەندە بىرقانچە نۇقتىنى ئەسكەرتىشنى ماقۇل كۆردۇق

   & تەتقىقاتتىن ئىسپاتلىنىشچە ، دائىم بېلىق يەپ بەرسە ، بالدۇر تۇغۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن .

   & كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىك —لىمون بىلەن بەرەڭگە (ياڭيۇ) .

ھامىلدارلار سەمىگە بىرقانچە پايدىلىق نۇقتىلار

   & ھامىلىنى ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى كۆكتات — پالەك . 100 گرام پالەكنىڭ تەركىبىدىكى فولىئات كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى 350 مىللىگرامدىن يۇقىرى بولۇپ ، بارلىق كۆكتاتلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىكەن . فولىئات كىسلاتاسى ھامىلىنى ساقلاپ ، ھامىلە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ غەيرى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن . شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر ھامىلدارلىق ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا پالەك ياكى فولىئات كىسلاتاسى تابلېتىنى كۆپرەك يەپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن . پالەك تەركىبىدىكى ۋىتامىن B ھامىلدار ئاياللاردىكى داس بوشلۇقى ياللۇغى ، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .

  & ھامىلدار ئاياللار بوشىنىش ۋاقتىدا شاكىلاتنى كۆپ يېيىش كېرەككەن . چۈنكى شاكىلاتنىڭ قوبۇل قىلىنىش سۈرئىتى تۇخۇمنىڭكىدىن بەش ھەسسە يۇقىرى ئىكەن .

  & ھامىلدار ئاياللار نورمال غىزالىنىشتىن باشقا ، قۇشۇمچە يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە ، ھامىلىگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا پايدىسى بولىدىكەن . بولۇپمۇ ھامىلدار ئاياللار گازىر ، تاۋۇز ئۇرۇقى ، كاۋا ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى يەپ بېرىشى كېرەك ئىكەن .

  & ھامىلدار ئاياللار چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يېيىشى كېرەككەن . دولانانىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى مول بولسىمۇ ، بىراق بالىياتقۇنى قىسقارتىپ ، بويىدىن ئاجراپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن . ھامىلدار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى دولانى يېمەسلىكى، شوخلا ، گىلاس ، ئۈزۈم ، ئاپېلىسىن ، ئالما قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىشى كېرەك ئىكەن .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلدار ئاياللار قايسى خىل ئېلېكتىر سايمانلىرىغا يېقىنلاشماسلىقى كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يۈزگە دائىم ئەتىر سۈرسە زىيانلىقمۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .