ھامىلىدارلار كۆپ يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر


1. ئاچچىق، ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا – دەرمەكلەر : قىزىلمۇچ، كاۋاۋىچىن، قارىمۇچ، ئارپىبەدىيان، شاكال بەدىيان، بەش خىل پۇراقلىق تالقان قاتارلىقلار ئۈچەيدىكى نەملىكنى ئاسان خورىتىۋەتكەچكە، ئاشقازان بېزىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ئاغرىش، ئۈچەي يولى قۇرغاقلىشىش، گېموروي، قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. غىدىقلاش رولى بولغان يېمەك –ئىچمەكلەر: تەركىبىدە كوففېئىن بولغان ئىچىملىك ۋە يېمەكلىكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. ھامىلدارلار يەنە قېنىق چاينى كۆپ ئىچسە،  يۈرەك سوقۇشنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ.

3. تاتلىق يېمەكلىكلەر: ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قەنتنى كۆپ يېسە، ھامىلىگە چىش چىقىش ۋە ئۇستىخاننىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. شاكىلاتنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېسىمۇ بولمايدۇ.

4. ئۆرۈك مېغىزى: ئۆرۈك مېغىزىدىكى ماددىنىڭ بالا ھەمرىيىدىن ئۆتۈپ ھامىلىگە تەسىر يېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆرۈك مېغىزىنى يېمەسلىكى لازىم.

5. تېتىتقۇ: تېتىتقۇنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا، كۆپ مىقداردىكى سىنىكنى خورىتېۋىتىدۇ، بۇ ھامىلە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز.

6. قارا قېرىنقۇلاق: قارا قېرىنقۇلاقنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە پايدىسىز.

7. سېمىز ئوت: سېمىز ئوتنى ھەم دورا كۆكتات ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ خۇسۇسىيتى سوغۇق بولغانلىقتىن ئىچىنى سۈرۈۋېتىدۇ. تەجرىبىلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، سېمىز ئوت شىرنىسىنىڭ بالياتقۇنى غىدىقلاش رولى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، ئاسانلا بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .

8. ئۇزۇن ساقلانغان بەرەڭگە: بەرەڭگە تەركىبىدە بىيولوگىيەلىك ئىشقار بار. بەرەڭگىنى ئۇزاق ساقلىغانسېرى ئۇنىڭدىكى بىيولوگىيەلىك ئىشقارنىڭ مىقداردىمۇ شۇنچە كۆپىيىدۇ.

9. ئادەمگىياھ : ئادەمگىياھ ئىستېمال قىلغاندا، روھنى ئۇرغۇتۇپ، مەنپىيلىكنى خورىتىدۇ ۋە سۇلۇق ئىششىق ۋە يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىقلارنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ .

10. تەركىبىدە خۇرۇچ بولغان يېمەكلىكلەر: كونسېرۋادىكى خۇرۇچ غەيرىي ھامىلە ۋە بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىل، شۇڭا ھامىلدارلار كونسېرۋا يېمەكلىكىدىن يىراق تۇرۇشى لازىم. پىلتە قۇيماقنى پىشۇرۇش جەريانىدا قوشۇلىدىغان زەمچە بولسا تەركىبىدە ئاليومىن بولغان ئانورگانىك ماددا بولۇپ، ئۇ بالا ھەمرايى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىگە كىرىپ، ھامىلىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدار مەزگىلىدە پىلتە قۇيماق يېيىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، بۇغداي ئۇنىدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك .

11. لامنارىيە: لامنارىيەنىڭ يۇمشىتىش ۋە چىڭىتىش رولى بار بولۇپ، ئويۇپ قالغان تالقاننى تارقاقلاشتۇرۇۋېتىدۇ ۋە ئېرىتىدۇ، شۇنداقلا ھامىلە چۈشۈپ قېتىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلدار ئاياللارنىڭ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەرگىنى ياخشى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق كېسەللىكى ھەققىدە ئاددىي ساۋات توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .