بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار قىزىپ قالسا قانداق قىلىش لازىم؟ تۆۋەندىكى ماقالىدىن بىلىۋېلىڭ

بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار قىزىپ قالسا، يەنى بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38 گىرادۇستىن 40 گىرادۇسقىچە ئۆرلەپ كەتسە، بەدەن كۈچىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياخشى دەم ئېلىش بىلەن بىللە، سۈت، شوۋىگۈرۈچ ۋە ئۈگرە دېگەندەك سىڭىشلىك، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى تاماقلارنى يەپ بېرىشى؛ تېخىمۇ بەكرەك قىزىپ كەتسە، تۇخۇمدىن پەرھىز تۇتۇپ، كۈندە 500 مىللىلىتىر قايناق سۇ ئىچىپ بېرىشى؛ يېنىكرەك بولسا قىزىتما ياندۇرىدىغان دورىلارنى ئېچىشكە ئالدىرىماسلىقى زۆرۈر، چۈنكى 38.5 گىرادۇستىن تۆۋەن قىزىتما بەدەندىكى ئورگانىزملارنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.

بۇ مەزگىلدە ئاياللار يېنىك قىزىپ  قالغاندا بوۋاقنى داۋاملىق ئېمىتسە بولىۋېرىدۇ، بىراق قىزىتما 37.7 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەندە، بالا ئېمىتىشنى ۋاقىتلىق توختاتمىسا بولمايدۇ. يېنىك قىزىغاندا دورا ئىچىشكە توغرا كەلسە، بالىنى ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن ئىچسە بولىدۇ، بىراق دورا ئىچىپ تۆت سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا بالا ئېمىتسە بولمايدۇ. قىزىش ۋە يۆتىلىش ئېغىر بولسا، ۋىرۇسقا قارشى قىياملارنى، ئوسما يىلتىزى جەۋھىرى (板蓝根) ۋە پېنىتسىلىن قاتارلىق ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىچسە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، قىزىتمىنى ياندۇرۇشنىڭ مۇنداق ئاددىي ئۇسۇللىرىمۇ بار:

پۇتنى قىزىق سۇغا چىلاش: كۈندە كەچتە پۇتنى قىزىق سۇغا 15 مىنۇت چىلاپ بەرسە، قىزىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بىراق سۇنىڭ قىزىقلىقى پۇت قىزارغىدەك دەرىجىدە بولسىلا بولىدۇ.

غولپىياز يېيش: غولپىيازنى خام پېتى ياكى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى بىلەن بىللە يەپ بەرسە، قىزىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئېغىزنى تۇز سۈيىدە چايقاش: كۈندە ناشتا ۋە كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئېغىزنى تۇز سۈيىدە چايقاپ بەرسە، ئېغىزدىكى كېسەللىك ۋىرۇسلىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ. يۇقۇمچان زۇكام تارقالغاندا، ئېغىزنى تۇز سۈيىدە چايقاشقا ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ مۇھىم.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلىدارلىق مەنبەلىك چىش مىلىكى ئۆسمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تېرە ئاسراشقا دائىر خاتا قاراشلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .