ھامىلە ئانىسىنىڭ قورسىقىدا نېمىلەرنى قىلىدۇ؟

ئانا بولغۇچى قورسىقىدا كىچىككىنە بىر ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، پۈتۈن مېھرىنى ئۇنىڭغا ئاتايدۇ، گەرچە ئۇنى كۆرەلمىسىمۇ، ھەرۋاقىت ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدۇ: ئۇ ساغلاممۇ؟ ئۇ نېمە قىلىۋاتىدۇ؟


       ئەمەلىيەتتە، ئۇزاققا سوزۇلغان 280 كۈن ئىچىدە، ھامىلىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقتى ئۇخلاش بىلەن ئۆتىدۇ، ئويغاق ۋاقتىدىكى ھامىلە زېھنى ئۇرغۇپ تۇرغان، كەپسىز بولۇپ، سۇ ئۈزۈش، ئەسنەش، كىندىك بېغىنى ئويناش، بارمىقىنى شوراش، پۇتىنى چىشلەش قاتارلىق سىز ئويلاپمۇ باقمىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.

       1. باش سۈيى ئىچىدە ئۈزۈپ يۈرۈش

       «ھامىلە» دەپ ئاتالماستىنلا، ئۇلار ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسى ئىچىدە خالىغانچە ئۈزۈپ يۈرۈشكە باشلايدۇ. بۇ «بەدەن چېنىقتۇرۇش» پائالىيىتى ھامىلە 6 ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۇ چوڭىيىپ، باش سۈيى ئىچىدە ئەركىن ھەرىكەت قىلالمىغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.

       2. ئەسنەش، شوراش ۋە يۇتۇش

       ئانا بولغۇچى ھامىلىدار بولۇپ 11 ھەپتە بولغاندا، بەدەن شەكلىدە ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلايدۇ، ھامىلە بۇ چاغدا نەشپۈتچىلىكلا چوڭلۇقتا بولغانلىقتىن، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەتمەيدۇ، بىراق ئۇنىڭدا خېلى چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ: ئۇنىڭ يۈرىكى باشقا ئەزالىرىنى قان بىلەن تەمىنلەشكە باشلايدۇ، شۇنداقلا كىندىك ئارقىلىق قان ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلارنى ــــ ئەسنەش، شوراش ۋە يۇتۇشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.      ھامىلىنىڭ ئەسنىشى بىزگە ئوخشاش بولۇپ، ئېغىزىنى يوغان ئېچىۋالىدۇ. بىراق ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئەسنەيدىغانلىقى بىزگە نامەلۇم.

     ئوزۇقلۇق كىندىك ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ شورىشى ۋە يۇتۇشىنىڭ ئالاھىدە چوڭ ئەھمىيىتىمۇ يوق، باش سۈيى ئۇنىڭ يۇتۇپ- چىقىرىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقى بولۇپ، بەلكىم بىزنىڭ مازغاپ پۈۋلەپ ئوينىغىنىمىزغا ئوخشاش قىزىقارلىق بولسا كېرەك...

 ھامىلىنىڭ چاچ، تۈكلىرى ۋە تىرنىقى تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ، جىنسىي ئالاھىدىلىكلىرى ئىپادىلىنىشكە باشلىغاندا، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ: ئۇ بىلەكلىرىنى ئەركىن ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ، قول-پۇت بارماقلىرىنى ئېگەلەيدۇ. يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، قولىنىڭ ئالىقان ۋە بېغىشلىرىنى، پۇتلىرىنى يىغىپ- ئاچالايدۇ ۋە ئايلاندۇرالايدۇ، ھەرىكىتى تېخىمۇ جانلىقلىشىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، سۆڭەكلىرىنىڭ قېتىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ دائىم موللاق ئاتىدۇ، قالايمىقان تېپىدۇ؛ قوللىرىنى يىغىپ- ئاچالايدۇ. ئانا بولغۇچى بوۋىقىنىڭ ھەرىكەت قىلىپ، «ئەركىلەۋاتقانلىقى»نى ھېس قىلالايدۇ.

     ھامىلە باش سۈيىنى يۇتۇپ ئوينىغاندىن باشقا، يەنە بارمىقىنى شوراشنى ئۆگىنىدۇ، بۇ بوۋاق بالىلارنىڭ بارمىقىنى شوراشقا ئامراقلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. ئۇندىن باشقا، ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ يۈزىنى سىلايدۇ، بەزىدە يەنە پۇتىنى چىشلەپ ئوينايدۇ.

     بۇ چاغدا ئۇنىڭ چىراي ئىپادىلىرىدىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ: كۈلۈمسىرەشنى، قاپىقىنى تۈرۈشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. بۇلارنى بىز ئۇنىڭ تاشقى مۇھىتقا بولغان ئىنكاسى دەپ چۈشەنسەكمۇ ياكى ئۇنىڭ يۈز مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇشى دەپ بىلسەكمۇ بولىدۇ. قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈشنى ئۆگىنىۋالغان بولۇپ، بۇ چاغدا ئۇ 10 ھەپتىلىك بولغان، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 6 سانتىمېتىرغىمۇ يەتمىگەن بولىدۇ!

     4. كىندىك بېغىنى ئويناش

    ئۇخلىغاندىن باشقا ۋاقىتتا، ھامىلە بىردەممۇ جىم تۇرمايدۇ. ئانىنىڭ قورسىقىدا ئۇ ئوينايدىغان ئويۇنچۇق نېمە قىلسۇن؟! ئۇ پەقەتلا ئۆزىگە تايىنىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئۇ كىندىك بېغىنى ئويۇنچۇق قىلىۋالغان. ئۇ كىندىك بېغىنىڭ ئەتراپىدا پىرقىراپ، كىندىك بېغىنى تارتىپ ئۆزىگە خۇشاللىق تاپىدۇ، ھېرىپ قالسا ئارام ئېلىۋېلىپ، يەنە داۋاملىق ئوينايدۇ. بىراق ئۇ بۇنىڭ خەتەرلىكلىكىنى بىلمەيدۇ ــــ بۇ جەرياندا كىندىك بېغىغا چىرمىشىپ قېلىش سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.

    5. سەزگۈر قۇلاق

    ھامىلە ئىنتايىن «ئەقىللىق»، ئۇ 24 ھەپتىلىك بولغاندا، سىرتقى مۇھىت ۋە ئانا تېنىدىكى خىلمۇخىل ئاۋازلارنى پەرق ئېتەلەيدۇ. شۇڭا بۇ چاغدا ئۇنىڭغا كۆپرەك گەپ قىلىش بىلەن بىرگە قورساقنى يېنىك شاپىلاقلاش كېرەك. يېقىملىق مۇزىكىلارنى قويۇپ بەرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى، بىلسىڭىز، بۇ چاغدا ھامىلىنىڭ تومۇر سوقۇشى تېزلىشىپ، مۇزىكا رېتىمىغا ئەگىشىپ «ئۇسسۇل ئوينايدۇ» تېخى!

     ئەمەلىيەتتە، ھامىلە 6ئايلىق بولغاندىلا ئاۋاز سېزىمى خېلىلا كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرگەندە، ئۇ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەكشۈرگۈچنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىغا تەگكەندىكى ئاجىز بېسىمنى ھېس قىلالايدۇ. گەرچە تېرە ۋە باش سۈيى بەلگىلىك دالدىلاش رولىنى ئوينىسىمۇ، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ھامىلىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارغاندىكى ياڭراقلىقى 100 دېتسىبېلغا يېقىن بولۇپ، پويىزنىڭ بېكەتكە كىرگەندىكى ئاۋازىغا باراۋەر. ئېنىقكى، ئۇ بۇنداق شاۋقۇننى ياقتۇرمايدۇ.

    6.ئورۇن ئىگىلەش

ھامىلە بارغانسېرى چوڭايغانلىقتىن، يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى كېڭەيتىشكە باشلايدۇ. ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۆز ئامالى بار: ئۇ ئانىسىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكىۋېتىدۇ ـــ ئۈچەي قورساقنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا يۆتكىلىدۇ، ئاشقازاننىڭ ئىگىلىگەن دائىرىسى كىچىكلەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن ئانا بولغۇچىلار ئاشقازىنىدا بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ.

    7.كېكىرىش

    ھامىلە كېكىرەلەيدۇ! بۇ ئاڭلىماققا ناھايىتى قىزىقارلىق تۇيۇلىدۇ، بىراق بۇ ھەقىقەت. ئانا بولغۇچى ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ھامىلىنىڭ كۈنىگە بىر قانچە قېتىم رېتىملىق ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. دوختۇر تېببىي نوقتىدىن بۇنى ھامىلە باش سۈيىنى يۇتقاندا، يەنە نەپەسلىنىشنى «مەشق قىلغاندا» چىقارغان ئاۋاز دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ئۆپكىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ كېكىرىشى بىز ئادەتتە ئېيتىپ كېلىۋاتقان كېكىرىشكە ئوخشىمايدۇ.

     8. كۆزىنى ئېچىش مەشىقى

      بىز ھەمىشە بوۋاق تۇغۇلۇپ بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئاندىن كۆزىنى ئېچىپ رەڭگارەڭ دۇنيانى كۆرەلەيدۇ دەپ قارايمىز. ئەمەلىيەتتە، ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدىلا ئۇ كۆزىنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ، ئاچالايدۇ ۋە يۇمالايدۇ. ئويلاپ باقمىغان بولغىيتىڭىز؟

   بۇ چاغدا كۆزىنى ئاچالىغاندىن سىرت يەنە ئۇنىڭ پۇراش، كۆرۈش، ئاڭلاش، تەم ۋە تېگىش سەزگۈلىرىمۇ ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ، يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىشقا تەييارلىق قىلىدۇ.

     9. تەرەت قىلىش

     بىلەمسىزكى، بوۋىقىڭىز تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىدا بەدىنىدىن چۈشكەن تۈك ۋە باشقا ئاجرالمىلارنى ئاز-ئازدىن يۇتۇۋېلىپ، ئۈچەي يولىدا ساقلايدۇ، بۇلار ئۈچەينى غىدىقلاپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چوڭ تەرەتنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇندىن باشقا سۈيدۈكمۇ بار.

     يېڭى بىر ھاياتلىق يوقىرىقى بىر قاتار جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تۈگۈلۈپ تۇرۇپ، 23 سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى تۇغۇت يولىدىن ئۆتۈپ، بۇ ناتونۇش دۇنياغا كېلىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلايدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تۇغۇت ئالدى-كەينىدە دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .