سوئال:مەن 17 ياشلىق بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۇرۇقدېنى ئۇرۇقدان خالتىس

ئۇرۇقداننىڭ تۆۋەن چۈشمەسلىكى 睾丸未降 隐睾

ئۇرۇقداننىڭ تۆۋەن چۈشمەسلىكى 睾丸未降 隐睾

سوئال: مەن 17 ياشلىق بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۇرۇقدېنى ئۇرۇقدان خالتىسىغا چۈشمەيدىكەن. بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئاۋۋال، ئۇ بەزى مۇتەخەسسىسلەرگە كۆرۈنگەن بولسىمۇ، لېكىن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بولماپتۇ.

ئۇرۇقداننىڭ ئورنىنى قانداق بەلگىلەش كېرەك؟ ئوپېراتسىيە قىلىنسا، ئۇنىڭ قانداق تەسىرى بولىدۇ؟

 

دوختۇر: پەقەت قول بىلەن سىلاپ ياكى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئۇرۇقداننىڭ ئورنىنى بەلگىلەشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق. ئومۇمەن چاتراق كانىلىدىكى ئۇرۇقداننى قول بىلەن سىلاش بىلىش مۇمكىن، ئەگەر قورساق بوشلۇقىنىڭ باشقا يېرىدە بولسا، ئۇنىڭغا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ.

دوختۇر ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئۇرۇقداننى ئۇرۇقدان خالتىسىغا چۈشۈرەلەيدۇ. بىراق بۇنداق ئوپېراتسىيىگە ئوخشاش بولمىغان قاراشلار بار، بەزى دوختۇرلار 25 ياشقا كىرىشىنى كۈتۈش كېرەك، شۇ چاغدا ئۇرۇقدان ئۆزلۈكىدىن ئۇرۇقدان خالتىسىغا چۈشۈشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى دوختۇرلار بولسا، بالدۇرراق ھورمون ئارقىلىق داۋالاشنى ياكى ئوپېراتسىيە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

ئۇرۇق قىسمى ياكى چاتراق كانىلى تېمپېراتۇرىسى ئاستىدا يېتىلمىگەنلىكتىن، ئۇرۇقدېنى چۈشمىگەن كىشى جىنسىي ئىقتىدارغا ئىگە بولسىمۇ، ئومۇمەن ئۇرۇقداننىڭ چۈشمەسلىكى سەۋەبىدىن تۇغماسلىق كېسىلى كېلىپ چىققاندىلا، دوختۇر ئوپېراتسىيە قىلىدۇ.

 

مەزكۈر ماتېرىيال شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
تىببىي پەن دوكتورى لىمون كېراك (ئامېرىكا) 
يازغۇچى، مائارىپ ماگىستىرى ئىسادور روبىن (ئامېرىكا)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشلاردىكى ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەرلەر تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن كىسەل بولامدۇ? توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .