سوئال:مەن كىچىككىنە غىدىقلىنىشقا ئۇچراپلا قالسام، بەزىدە ھېچقانداق روشەن سەۋەب بول

سوئال: مەن كىچىككىنە غىدىقلىنىشقا ئۇچراپلا قالسام، بەزىدە ھېچقانداق روشەن سەۋەب بولماي تۇرۇپ، زەكەرىم دەرھال قوزغىلىپ كېتىدۇ. بۇ كېسەلدىن قانداق ساقلانغىلى ۋە ئۇنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟ ئۇنىڭ قانداق دورىسى بار؟

دوختۇر: زەكەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىشىدا ھېچقانداق سەۋەب يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بەزىدە بۇنداق ئەھۋالنىڭ خەتنىلىكنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تارتىشىپ تۇرغانلىقىدىن بولىدىغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ، دوختۇرلار بۇنى خەتنىلىكنىڭ تارتىشى تۇرۇشى ، دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ تارتىشىپ تۇرۇشى زەكەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىشىغا پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

ئادەتتە ئۇنى خەتنە قىلىش ئارقىلىق، داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. ئەگەر دوختۇرنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى يۇقىرى بولسا، بۇنداق قىلىش كۈندىلىك تۇرمۇشقا ناھايىتى ئاز تەسىر قىلىدۇ.

دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان يەنە بىر سەۋەب شۇكى، بۇنداق ئەھۋالنى بەك ۋە نامۇۋاپىق ئىشتان كىيىشمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كىشىنىڭ دىققەتنى ئۆزىنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا مەزكەزلەشتۈرۈشمۇ زەكەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا ياشلارنىڭ جىنسىي مەسلە ئۈستىدىكى پاراڭلىرىمۇ جىنسىي ھېسسىياتنىڭ قوزغىلىشى ۋە بىئاراملىق تۇيغۇنى پەيدا قىلىدۇ.

              بەزى دورىلار ئارقىلىق، جىنسىي تەلەپنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. ئادەتتە تىنچلاندۇرۇش دورىسى ياكى ھورمون مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ. بۇ دورىلارنى دوختۇر رېتسىپ يېزىپ بەرگەندىلا، ئاندىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ناھايىتى ئاز ئىشلەتكەن تۈزۈك.

ئەگەر بۇ جىسمانى ئامىلدىن بولمىغان بولسا، ئۇنى داۋالاشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى جىنسىي تۇرمۇشقا قارىتا ساغلام پوزىتسىيىدە بولۇش، پايدىلىق ھەۋەسنى قىلىش ۋە تەنتەربىيە ئويناپ چېنىقىشلار بۇ كېسەلنى داۋالاشقا ئىنتايىن پايدىلىق. ھاراق، چاي ۋە قەھۋەنى ھەددىدىن زىيادە ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 

مەزكۈر ماتېرىيال شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
تىببىي پەن دوكتورى لىمون كېراك (ئامېرىكا) 
يازغۇچى، مائارىپ ماگىستىرى ئىسادور روبىن (ئامېرىكا)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەنى چىققاندىكى ئاغرىش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشلاردىكى ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .