سوئال:مەن ھازىر 21 ياشقا كىردىم بىر كېچىدە ئىككى قېتىم مەنى كەلتۈرەلمەيمەن، ناھايى

مەنى چىققاندىكى ئاغرىش

سوئال: مەن ھازىر 21 ياشقا كىردىم. بىر كېچىدە ئىككى قېتىم مەنى كەلتۈرەلمەيمەن، ناھايىتى روشەنكى مېنىڭدە مەنى سۇيۇقلۇقى كەمچىل بولسا كېرەك، مەن بىر كېچىدە 2- قېتىم جىنسى ئالاقە ئۆتكۈزسەم، زەكەرىم قوپقاندا ئاغرىپ كېتىدۇ. نىمە ئۈچۈن مەنى چىقىرىش يېتەرسىز بولىدۇ؟ بۇنداق ئاغرىش ئومۇميۈزلۈك ھادىسىمۇ؟

دوختۇر: سىز ئېيتقان مەسىلىلەر مەۋجۇت كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزۈش قېتىمىنى ئازايتىشى، ھەتتا بىر كېچىدە بىر قېتىمغا چۈشۈرۈشى كېرەك. مۇكەممەل جىنسىي تۇرمۇشنى زورمۇزور ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

              نېمە ئۈچۈن مەنى يېتەرلىك بولمايدۇ؟ مەنى بېزىنى 2- قېتىملىق مەنى چىقىرىشقا كېرەكلىك سۇيۇقلۇقنى يېتەرلىك ئاجرىتىپ چىقىرىشتىن ئاۋال، مەلۇم ۋاقىت دەم ئالدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بەزى كىشىلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر نەچچە قېتىم مەنى چىقىرالايدۇ، لېكىن زور كۆپچىلىك كىشىلەر بۇنداق قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ.

ئاجرالما ئاجرىتىش بېزىنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلەشكە زورلاش ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر سىز 2- قېتىم زورلاپ جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزگەندە ئاغرىق ھېس قىلمىسىڭىز، سىزدە ھېچقانداق چاتاق يوق بولۇشى مۇمكىن. ئاغرىق ھېس قىلسىڭىز دوختۇرغا كۆرۈنۈشىڭىز كېرەك.

 

مەزكۈر ماتېرىيال شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
تىببىي پەن دوكتورى لىمون كېراك (ئامېرىكا) 
يازغۇچى، مائارىپ ماگىستىرى ئىسادور روبىن (ئامېرىكا)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا زەكەرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يوغان بولىشى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى زەكەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىشى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .