ھەمياننى ئارقا يانچۇقىڭىزغاسالماڭ ھەميان ئارقا يانچۇققاسېلىنغاند

 

 ھەمياننى ئارقا يانچۇقىڭىزغا سالماڭ . ھەميان ئارقا يانچۇققا سېلىنغاندىن كېيىن ، ئارقا ئولتۇرغۇچ نېرۋىلارنى بېسىۋالىدۇ –دە ، تۆۋەنكى بەل ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ ، ئاندىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ پاقالچەك ۋە ئوشۇق بوغۇمى بىلەن تاپان ئاغرىيدىغانياكى ئويۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ .
 

   كۈندە ئالما يەپ بېرىڭ . 50 ياشتىن ھالقىغان ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا ئۈچەي راكىغا تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولىدۇ . ئەنگىلىيەدىكى خەير–ساخاۋەت تەشكىلاتى—‹‹ ئۈچەي راكىغا قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى›› مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ : ھەر كۈنى 18گىرام سېللۇلوزا قوبۇل قىلىپ بېرىڭ . بىر ئالما (پوستى سويۇلمىغان)نىڭ تەركىبىدە تۆت گىرامغىچە سېللۇلوزا بار ، شۇڭا ئالما يەپ بېرىش ئەڭ مۇۋاپىقتاللاش.

   گۆشنى ئاز يەڭ . ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : ‹‹ گۆشنى ئاز يېيىش راك كېسىلى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ . ئەرلەرگە خاس جاسارەتنى ئۇرغۇتىدۇ›› .

   چىش چوتكىسىنى يەنە بىر قولىڭىزغا ئېلىڭ . چىش چوتكىلىغان ياكى ئىستاكان كۆتۈرگەن چاغدا دائىم ئىشلەتمەيدىغان قولىڭىزنى ئىشقاسېلىڭ ، بۇنىڭ چوڭ مېڭىدا يېڭىچە ئەستە تۇتۇش ھۈجەيرىسىنى پەيدا قىلىشقا پايدىسى تېگىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ياشانغانلاردا كۆرۈلىدىغان گومۇشلۇق كېسىلىدىن ساقلىنايسىز.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەرلەر ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇقلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تۇرمۇشتىكى تايىقى كام ئەرلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .