ماگنىي ماگنىي يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە يۈرەك مۇسكۇلھ

  ماگنىي . ماگنىي يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە يۈرەك مۇسكۇل ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ ؛ كۆپ پۇرچاق ، باقىلە ، كۆمىقوناق ، پالەك قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ماگنىي مول بولىدۇ .

   ۋىتامىن C . ۋىتامىن C زىيانلىق ماددىلارنىڭ بەدەنگە تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

   سىنكئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ۋە پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارى يېتەرلىك مىقداردىكى سىنككە ئېھتىياجلىق بولۇپ ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ، ھايۋانات جىگىرى ، ئاخۇنباش ، گازىر ۋە باقىلەقاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە سىنك بىر قەدەر مول بولىدۇ.

   تالالىق يېمەكلىكلەرتالالىق يېمەكلىكلەرنىڭ مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئۈچەي راكى ،تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىشىش ، دىيابېت كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ . شۇڭا ئەرلەر قوناق ، تېرىق ، تاتلىق بەرەڭگە شۇنداقلا مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش بېرىشى كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەرلەر ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا ، قورساق سالىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدىغان تۆت چارە توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .