شىنخۇا ئاگېنتلىقى، توكيو، 18 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى ياپونىيەدە 17 – ئاۋغۇست ئېلانقىلىنغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەر دائىم بېلىق يەپ بەرسە، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %30ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن

    بۇ تەكشۈرۈشنى ياپونىيە دۆلەتلىك راك تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە قانات يايدۇرغان. تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئەرلەرنىڭ گاسكون بېلىقى، ساردىنا بېلىقى ۋە شەمشەر بېلىققا ئوخشاش ياغ تەركىبى مول بېلىقلارنى يەپ بېرىشى تەۋسىيە قىلىنغان. تەكشۈرۈشتە قىزىل ئوقيا بېلىق، تۇنا بېلىقى قاتارلىق ياغ تەركىبى تۆۋەن بېلىقلارنىڭ دىيابېت كېسىلىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى يوقلۇقى كۆرسىتىلگەن.

    تەكشۈرۈشتە يەنە ئاياللار دائىم بېلىق يەپ بەرسە،دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ياپونىيە دۆلەتلىك خەلقئارا داۋالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇنداق دېدى: بۇ، ئەرلەر بىلەن ئاياللاردىكى دىيابېت كېسىلىنىڭ قوزغىلىش مېخانىزمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.

    تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كۈندە 170 گىرام بېلىق يەپ بەرگەن ئەرلەرنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ كۈندە 40 گىرام بېلىق يەپ بەرگەن ئەرلەرنىڭكىدىن %30 تۆۋەن بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەرلەر ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا ، قورساق سالىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .